مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تۆۋەن بولسا بوۋاقنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-14 12:53:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئايال ئارتىسلار تۇغۇتتىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان فىگورىدا كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى، داڭلىق كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئاياللارنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا ئۈندەيدىغان بولۇپ، بۇ بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز ئىكەن، چۈنكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تۆۋەن بولسا بوۋاقنىڭ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن.

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېببىي ئىنستىتۇت ۋە تېببىي تەتقىقات مەركىزى بولغان كارولىن تېببىي ئىنستىتۇتى 1982-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە تۇغۇلغان 526 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىك ماتېرىيالى ۋە نوپۇس تىزىملاش سانلىق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى كىلىنىكىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ %30 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

     ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك يۇقىرى بولغاندا بوۋاقنىڭ سەمىرىپ كېتىش ۋە مېڭە پارالېچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. ئەنگلىيە دۆلەت داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى (NHS) نىڭ تەۋسىيەسىگە قارىغاندا، ئادەتتە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى 10 كىلوگىرامدىن 12.5 كىلوگىرامغىچە ئاشسا نورمال بولىدىكەن.

    (زاھىدە مۇتەللىپ تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.