مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئەتىيازدا مۈگدەك باسمىسۇن دېسىڭىز .....

    مەۋلۇدە2017-03-14 12:56:14تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    1. كەچتە كارىۋاتتا يېتىپ كىتاب ئوقۇماسلىق، تورغا چىقماسلىق، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش كېرەك.

    2. ئاپتاپ يېتەرلىك شارائىتتا چېنىقىش كېرەك. كۈن نۇرى ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. لېكىن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۈچ سائەت ئىچىدە چېنىقماسلىق كېرەك.

    3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. ھاراق ئىچكەندە كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

    4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كەيپىياتنى تەڭشەش. مەسىلەن لىرىك مۇزىكا ئاڭلاش، كۆزنى يۇمۇپ خىيال سۈرۈش، ئىسسىق سۈت ئىچىش.

    5. بەدەن قايتۇرغان ئىنكاسنى ئېنىق بىلىش كېرەك. ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا ۋە ئۇيقۇ كەلگەندە دەرھال ئۇخلاپ ئارام ئېلىش كېرەك.

    6. چۈشتە يېرىم سائەتلا ئۇخلاش كېرەك. چۈشتە ئۇزۇن ئۇخلىغاندا، بۇ كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.