مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان يەتتە خىل سۇ

    ئامانگۈل2017-03-13 16:11:59شىنجاڭ گېزىتى

     تېببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى يەتتە خىل سۇنىڭ تېرىنى تازىلاش، ئاقارتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش رولى نىسبەتەن ياخشىراق بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ:

     1.قوش ئوكسىگېنلىق سۇ (ھىدرو پېروكسىد). قوش ئوكسىگېنلىق سۇ (ھىدرو پېروكسىد)دا ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغاچقا، ھۈجەيرىلەردىن تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ ھەم يىغىلىپ قالغان كىرلەرنى تازىلايدۇ، تېرىنى يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇڭا قوش ئوكسىگېنلىق سۇنىڭ تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، ئاقارتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش رولى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: بىر ھەپتىدىن ئون كۈنگىچە ھەر كۈنى يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن%30 لىك قوش ئوكسىگېنلىق سۇغا چىلانغان پاكىز لۆڭگىنى بىر، ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە يۈزگە ياپساق ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

     2.سۇ ھورى. يۈزنى سۇ ھورى بىلەن ھوردىغاندا، تېرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، ئىچىدىكى كىرلەر تازىلىنىش بىلەن بىللە، ھۈجەيرىلەر ئېھتىياجلىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىپ، قۇرغاق ھەم يىرىك تېرىلەر يۇمرانلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، داسقا ℃80 ~ ℃90لۇق ئىسسىق سۇ قۇيۇپ، يۈزنى سۇ يۈزىگە 5 ~ 10 سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئون مىنۇت ئەتراپىدا ھوردىغاندىن كېيىن ℃40لۇق ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىۋەتسە بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىرەر قېتىم قوللانسىلا كۇپايە.

     3.تۇز سۈيى. تۇز سۈيىدە يۈز يۇيۇشنىڭ تازىلاش ۋە كىر چىقىرىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: كىچىك بىر قوشۇق تۇزغا تۆت – بەش تامچە سۇ تېمىتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، يۈزنى پېشانىدىن باشلاپ تۆۋەنگە تۇز سۈيى بىلەن يەڭگىل ئۇۋۇلايمىز، بىرنەچچە مىنۇت ئۆتۈپ تۇز سۈيى قۇرىغاندىن كېيىن، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ.

     4.گۈرۈچ سۈيى. گۈرۈچ سۈيىدە يۈز يۇيۇش يۈز ئاقارتىشنىڭ ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. گۈرۈچ سۈيىدە سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار مول، ئۇ تېرىگە ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق بۇ ئۇسۇل تېرىسى مايلىق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

     5. سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ. قايناق سۇ تەبىئىي سوۋۇپ تېمپېراتۇرىسى ℃20 ~ ℃25قا چۈشكەندە سۇدىكى گازلار قايناۋاتقان چاغدىكىدىن سەل ئازىيىپ، سۇنىڭ ئىچكى يىغىلىش كۈچى كۈچىيىدۇ، مولېكۇلىلار ئارىسىدىكى ئارىلىق كىچىكلەپ، سۇنىڭ يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى ئاشىدۇ. بۇ خىلدىكى سۇ تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇلارغا ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، شۇڭا تېرىگە ئاسان سىڭىپ كىرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈز تېرىسى تېخىمۇ سىلىق، پارقىراق ۋە يۇمران بولىدۇ.

     6.ئاق ئاچچىقسۇ سۈيى. ئاق ئاچچىقسۇ سۈيى بىلەن يۈز يۇيغاندا ئاساسلىقى سىركە كىسلاتاسىدىن پايدىلىنىپ، تېرىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىرىنى تازىلاپ، يېڭى تېرىلەرنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇلنى دائىم قوللىنىشقا بولمايدۇ، بولمىسا تېرىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىرى بارغانسېرى نېپىزلىشىپ كېتىدۇ.

     7.ئىچىملىك شۇلتا (سودا) سۈيى. ئىچىملىك شۇلتا (سودا) سۈيى ئاجىز ئىشقارلىق سۇ، ئۇ تېرە يۈزىدىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللايدۇ، سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىدى تەر تۆشۈكچىلىرى ۋە تېرە مۈڭگۈز ماددا قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىچىملىك شۇلتا (سودا) سۈيى بىلەن سۇنى 5000: 1 نىسبەت بويىچە تەڭشىسە، يەنى بىر گىرام ئىچىملىك شۇلتا (سودا) نى بەش كىلوگىرام سۇدا تەكشى ئېرىتسە بولىدۇ.

    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.