مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللارنىڭ ئۆڭىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر

    مەۋلۇدە2017-03-10 12:15:11تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    1. قېتىق: بەدەندە زەھەر زىيادە كۆپىيىپ كەتكەندە ئاياللارنىڭ يۈزىگە دانىخورەك چىقىدۇ. قېتىقنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    2. مايمۇن شاپتۇل: مايمۇن شاپتۇل تەركىبىدە كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن C مول بولۇپ، مۇۋاپىق يەپ بەرسە، ئۆڭىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ پارقىرتىدۇ.

    3. پەمىدۇر. پەمىدۇرنى كۆپ يەپ بەرگەندە يۈزدىكى داغنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

    4. قارا كۈنجۈت: قاراكۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eمول بولۇپ، ئۆڭىنى پارقىرتىپ، قان تولۇقلايدۇ.

    5. ئاناناس: ئاناناس تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولۇپ، تەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، قۇرغانلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    6. تەرخەمەك: تەرخەمەك سۈيىنى كۆپ ئىچىپ بەرسە ياكى يۈزىگە سۇۋاپ بەرسە تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.

     

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.