مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئاپتاپسىندۇرۇش بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-03-07 17:30:57تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئاۋسترالىيە تەتقىقات مۇدىرىيىتى تاماملىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 2~3 سائەت ئاپتاپسىندۇرۇش بالىلار كۆزىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن. بۇنداق قىلسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

    سىنگاپوردىكى 6~7 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ %30 دە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ئىكەن، ئەمما بۇ نىسبەت ئاۋسترالىيەدە %13 ئىكەن. ئىككى دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن. ئەمما، سىرىتتىكى ھەرىكەت ۋاقتىدا زور پەرق بار ئىكەن. بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل يىئىن. موگىننىڭ كۆرسىتىشىچە: سىنگاپوردىكى بالىلارنىڭ كۈندە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم سائەتلا ئىكەن. ئەمما، ئاۋسترالىيەدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك سىرىتتا ئويناش ۋاقتى ئىككى سائەت بولۇپ، بۇ بەلگىلىك مىقداردىكى سىرىتتا ھەرىكەت قىلىش يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك دورا ئىكەن.

                                                                                        «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.