مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-03-06 17:08:48تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     نۇرغۇن كىشىلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي كۈچى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوزۇقلۇق ماددا زىيادە ئېشىپ كەتسە، بالىلار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىپ، ئەقلىي كۈچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

     ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بالىنىڭ قول-پۇت ھەرىكىتىنىڭ ماسلاشماسلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى، ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.

                                                      «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.