مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    كۈلگۈنچەك بالىلار

    زۆھرە تۇرسۇن2017-03-01 16:05:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بىر تۈرلۈك يېڭى بايقاش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: دائىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بالىلارنىڭ نىكاھ ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى كۈلمەيدىغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

     مۇتەخەسسىسىلەر مۇنداق دېگەن: بەش ياشلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن دالىغا چىققاندا چۈشكەن سۈرەتلىرى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلەيدىكەن. بىز قۇرامىغا يەتكەن 650 كىشىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ سۈرەتتىكى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش ھالىتىگە باھا بەردۇق ۋە دەرىجىگە ئايرىدۇق، ئاندىن 27~87 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تارىخى بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ جاۋابى بىلەن سۈرەتتىكى كۈلۈمسىرەش دەرىجىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش باھالاپ چىقتۇق.

     مۇتەخەسسىسىلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: بالىلىق چېغىدا چۈشكەن سۈرىتىدىكى كۈلۈمسىرەش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ كىشىنىڭ ھاياتىدىكى مەلۇم بىر باسقۇچتا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىش ياكى كەتمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەنسېرى، كېيىنكى ھاياتىدا نىكاھتىن ئاجرىشىش ئېھتىماللىقى شۇنچىلىك يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن.

    «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.