مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىڭىز تاماق يېمىسە مەجبۇرلىماڭ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-02-28 12:32:01تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلار تاماق يېگەندە ئۇياق-بۇياققا قاراپ تاماقنى يېگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ چاغدا بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماسلىقى كېرەك، ئۇنى ئالداش، ئۇنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە قوشۇق تاماقنى ئارتۇق يېگۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىقى، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، بالىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تاماققا رايى بارمايدۇ.

     قورساق ئاچقاندا تاماقنى ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قەرەللىك تاماق بېرىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك. بالا تاماقنى كۆپ يېمىسە، مەجبۇرىي يېگۈزمەستىن، كېينكى قېتىملىق تاماقنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتسىمۇ، كېيىن بالىدا ياخشى تاماق يېيىش ئادىتى يېتىلىدۇ.

    «بالىلار تۇرمۇشى ۋ ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ياقتۇرۇپ ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.