مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلارنى قاتتىق چايقىماسلىق كېرەك

    زۆھرە تۇرسۇن2017-02-09 12:35:34تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى چايقاپ ياكى ئېگىزگە ئېتىپ، كۈلدۈرۈپ ئوينىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاتا ئادەت. چۈنكى، كىچىك بالىنىڭ بېشى يوغان، بەدىنى كىچىك، يەنى بوينى تۇتمىغان بولغاچقا، بۇ خىل قوپال ھەرىكەت مېڭە سىلكىنىش، كۆرۈش تور پەردىسى قىل قان تومۇرلىرىغا قان تولۇش، ھەتتا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردا بالا سەللا قاتتىق سىلكىنىپ كەتسە ياكى يىقىلىپ كەتسە، مېڭىسىنى ئاسراش ھەم كۆزىنىڭ ئالىغاي بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال تۇخۇم ھەم ماتا بىلەن بېشىنى چىڭ تېڭىپ قويىدىغان ياخشى ئادەتلەر بار. بىز بۇنى ئادەتتە باش تەڭلەش دەپ ئاتايمىز) شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
    «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.