مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىش سەۋەبلىرى

    زۆھرە تۇرسۇن2017-02-08 12:41:15تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    1. بالىلار كۈندۈزى ئويناپ چارچاپ كەتسە، ئۆگىنىش يۈكى ئېغىرلاشسا، بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە ۋە جىددىيلىشپ كەتسە چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

    2. مەددە قۇرت كىچىك ئۈچەينى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى بىلەن بىرلىكتە نېرۋىلارنى غىدىقلايدۇ ۋە ئېڭەكنىڭ ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش غۇچۇرلىتىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    3. ئەگەر كەچلىك تاماق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئۈچەيدە تېخى ھەزىم قىلىنمىغان يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. نەتىجىدە بالىلاردىكى چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4. ئېغىز ۋە بۇرۇن كېسەللىكلىرىمۇ بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

    5. ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى چىشلار بىر-بىرىگە تولۇق تېگىشمىسە، چىش ئەتراپى پەردىسىنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ، چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

                                                                                       «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.