مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ھامىلىدارلار ئۈچۈن مۇھىم يېمەكلىك پۇرچاق ياسالمىلىرى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 11:30:01شىنجاڭ گېزىتى

     ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدىكەن، بۇ ئېھتىمال پۇرچاقلاردىكى ئىزوفلاۋوننىڭ رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.

     تەتقىقاتچىلار 1700 دىن ئارتۇق ھامىلىدار ئايالغا قارىتا تاماكا چېكىش، كىرىم ئەھۋالى ۋە يېشى قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇرچاق ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنغان پۇرچاق ياسالمىلىرى قانچە كۆپ بولسا، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پۇرچاق ياسالمىلىرى ئىستېمالى ئەڭ كۆپ بولغان گۇرۇپپا (ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 93 گىرام) بىلەن ئەڭ ئاز بولغان گۇرۇپپا (ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21 گىرام) نى سېلىشتۇرغاندا، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %37 تۆۋەن بولغان.

    ئېرفانجان ياسىن (ت)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.