مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ساپالىق ئاتا-ئانىدىن ياراملىق پەرزەنت يېتىلىدۇ

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 10:44:16شىنجاڭ گېزىتى

    ئازاتگۈل مەمتىمىن

     پەرزەنتلەرنى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش، ياخشى مىجەز ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىشتىن ۋە ئەيىبلىك قىلمىشلاردىن توسۇش ئاتا – ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر. بالىلار تەربىيەچىسى سۇن جىڭشيۇ ئەپەندى مۇنداق دېگەن: بالىلارنىڭ كۆزى ئاپپاراتقا، مېڭىسى ئۈنئالغۇغا ئوخشايدۇ. دېمەك، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئەخلاقىدىكى مەسىلىلەر بالىلارنىڭ مېڭىسىدە ‹‹نۇسخا››لىنىپ قالمىدى، دەپ ئېيتالامدۇق؟!

     تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار تەقلىد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا – ئانىنى دورايدىكەن. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئەخلاق جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقى، داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. ئاتا – ئانىلار چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىسە، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتسە، بالىلارمۇ قائىدە – يوسۇنلۇق بولىدۇ. دېمەك، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئەخلاقى پەرزەنتلەر ساپاسى ۋە ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ئاتا – ئانا داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇشى، گېزىت – ژۇرناللاردىن، تور ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق بىلىملىرى، بالىلار پىسخىكىسى، تىلشۇناسلىق، كەيپىياتشۇناسلىققا دائىر بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سىرت، ئاتا – ئانىلىرىدا بەلگىلىك سىياسىي سەزگۈرلۈكنىڭ، قانۇن ئېڭىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، بالىلارنى تەربىيەلەش، قوغداش، ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىغا زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ.

     ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىنى مائارىپ، جەمئىيەت تەربىيەسىگىلا تاشلاپ قويۇشى ئاقىلانىلىك ئەمەس. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، زامان تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتمىسۇن، ئەنە شۇ مەسئۇلىيەتچان ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەقىدە ۋە تىرىشچانلىقى بولسىلا، ئەۋلادلار ھەر جەھەتتىن ساغلام، ياراملىق تەربىيەلىنىپ، ساپ ئەقىل – پاراسىتى ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ قوشالايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.