مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىنىڭ ئاغزىغا سۆيۈش مۇۋاپىق ئەمەس

    زۆھرە تۇرسۇن2017-02-04 18:09:38تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     يېقىندىن بۇيان، نيۇيوركتىكى نۇرغۇن چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئاغزىغا سۆيۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ شۆلگىيىدە قۇرت چىش باكتېرىيەلىرى بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بالىلار چوقۇم بۇ باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر بەزى تەتقىقاتچىلار بارلىق كۈچىنى چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ۋاكسىنا تەتقىق قىلىشقا قاراتماقتا. بالىلارغا بۇ خىل ۋاكسىنا ئوكۇل قىلىنسا، ئاتا-ئانىلار سۆيگەندە كېلىپ چىقىدىغان چىشنى قۇرت يېيىش خەۋپىدىن ساقلىغىلى بولىدىكەن.
    «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.