مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بوۋاقلاردىكى «قىزىل كاسا» كېسىلىنى داۋالاش

    زۆھرە تۇرسۇن2017-02-03 13:14:57تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە بولغاندا مەقئەت يولى قىزىرىپ، بەزىدە شەلۋەرەپ قالىدۇ، مانا بۇ «قىزىل كاسا» ياكى «تەرەت لاتىسى ياللۇغى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق بولۇشنى بالا چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن، پاكىز تازىلىماي مەقئەت ئەتراپىدا قېپقالغان تەرەت قالدۇقى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. ئادەتتە پاكىز تەرەت لاتىسىنى يەڭگۈشلەش، بالا چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن، پاختا بىلەن ياكى ئىلمان سۇغا چىلانغان يۇمشاق لاتا بىلەن مەقئەت ئەتراپىنى ئاستا سۈرتۈپ تازىلاش، ئاندىن ئاز مىقداردا پاكىز ئۆسۈملۈك مېيىنى سۈركەش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، تاننىك كىسلاتا مەلھىمى سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

                                                                                                           «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ياقتۇرۇپ ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.