مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    تەنتەربىيە پائالىيىتى بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-01-26 12:51:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بالىلارنى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسا، ئۆگىنىشتە زېھنىنى يىغىشقا پايدىسى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئالدۇرۇپ ۋە چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قاتار سىناقلارنى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار چېنىقىپ بولۇپ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە زېھنى تېخىمۇ مەركەزلىشىپ، سوئال قانچە تەسلەشكەنسېرى شۇنچە توغرا جاۋاب بەرگەن. ئېلېكتىروئېنسېفالوگىرامما نەتىجىسىگە ئاساسەن تەھلىل قىلغاندا، چېنىقىشتىن كېيىن زېھنىنى تېخىمۇ ياخشى يىغقىلى بولىدىكەن، شاۋقۇننىڭ تەسىرىگىمۇ ئاسان ئۇچرىمايدىكەن.
                                        «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.