مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلارنى ئويغىتىشتا...

    زۆھرە تۇرسۇن2017-01-25 13:24:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇدىن تولۇق ئويغىنىشى ئۈچۈن 5~6 مىنۇت كېتىدۇ. ئەگەر قاتتىق ئۇخلاۋاتقان كىشىنى مەجبۇرىي ئويغاتسىڭىز، ئادەمنىڭ تېنى ھەرىكەتكە كەلگەن تەقدىردىمۇ، چوڭ مېڭە يەنىلا ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتى دەماللىققا ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. بۇنداق چاغدا، چارچاپ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارغا ئېغىر روھىي بېسىم بولۇپ، ئاسان ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئويغىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى-ئەتتىگەندە بالىلارنى ئۆزلىكىدىن ئويغىنىشقا يېتەكلەش لازىم. كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: 1) بالىلار ئويغىنىشتىن 10 مىنۇت ئىلگىرى رادىيودىن يېنىك مۇزىكىلارنى بوش ئاۋازدا قويۇش، ئاندىن ئاۋازلارنى تەدرىجىي يۇقىرىلىتىش كېرەك. 2) ئۆينى تەدرىجىي يورۇتۇش كېرەك. مۇشۇنداق ئۇسۇلنى 5~6 مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بالىلار تەبىئىي ئويغىنىدۇ-دە، بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى تېتىك بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

                                                                                                «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.