مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كېچىسى ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئۇخلىسا

    زۆھرە تۇرسۇن2017-01-24 16:39:11تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا كېچە-كۈندۈز دەپ ئايرىمىغاچقا، تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكى ھەم ماسلىشىپ ئۇخلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز دېمەي ئۇخلايدۇ. بەزى بوۋاقلار كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى يىغلاپ ئۇخلىمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۈندۈزى قەستەن ئۇخلاتماسلىقى ياكى ئاز ئۇخلىتىشى زۆرۈر. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: كۈندۈزى بوۋاقنى ئاز ئەمدۈرۈپ، ئۇنى يېرىم ئاچ قويۇش، تاپىنىنى غىدىقلاش، قۇلىقىنى ئۇۋىلاش، بۇرنىنى ئاستا چىمداش ئارقىلىق بوۋاقنى قانغۇدەك ئۇخلاتماي كۆندۈرۈش لازىم. بۇ ئىشلار بىر قانچە كۈن داۋاملاشسا، بوۋاق تەبىئىيلا كېچىسى ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

    «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.