مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

    زۆھرە تۇرسۇن2017-01-23 16:02:44تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     نۇرغۇن كىشىلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ئەقلىي كۈچى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوزۇقلۇق ماددا زىيادە ئېشىپ كەتسە بالىلار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىپ، ئەقلىي كۈچى ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

     ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بالىنىڭ قول-پۇت ھەرىكىتىنىڭ ماسلاشماسلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى، ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    «بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقى» ناملىق كىتابتىن ياقتۇرۇپ ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.