مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    تور دۇنياسى بالىلىرىمىزنى «قامال» قىلىۋالمىسۇن

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:20:47شىنجاڭ گېزىتى

    بەيلۇڭ

        ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەشۋىشكە سالدى. تورغا بېرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئېغىرراقلىرى كۈنبويى تور ئويۇنىدىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا چۆكۈپ كېتىپ، رېئال دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمىگەنلەر. بۇلار ‹‹تورغا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلار›› دەپ ئاتالدى. نۇرغۇن ئائىلىگە نىسبەتەن بالىلىرىغا تور خۇمارىنى تاشلىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسىمۇ، بەزى نائىنسابلار بۇنىڭدىكى سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، ‹‹تور خۇمارىنى تاشلىتىش›› نامى بىلەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاپپارات تەسىس قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى كەڭ دائىرىدە ئەيىبكە ئۇچرىدى. بەس – مۇنازىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن كىشىلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىدە مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بارا – بارا تونۇپ يەتتى. شۇڭا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىن توغرا، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، رېئال دۇنيا بىلەن مەۋھۇم دۇنيانىڭ پەرقىنى توغرا تونۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.

        جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم باسقان ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئالاقە تورى ئۇلارنىڭ ئاجايىپ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى ئىشىك بولۇپ، بۇ يەردە كۈلرەڭ تۈس ئالغان بۇلۇڭ – پۇشقاقلار بىلەن بىرگە بەزى خەۋپلىك رايونلارمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. ئىستاتىستىكا مەلۇماتىغا قارىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە تور سەۋەب بولغانلار %70تىن ئاشىدىكەن.

        دۆلەتنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تور دۇنياسىنىڭ زىيىنىدىن قوغداشتا ھامىيلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئائىلە باشلىقى، مەكتەپ، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ چەك بەلگىلەپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن: بەس – مۇنازىرە قوزغىغان تور ئويۇنىنى ئېلىپ ئېيتساق، تەمىنلىگۈچى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سودا نىشانى ئىكەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك، بۇ، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى. بۇ قېتىم پىكىر قوبۇل قىلىش نۇسخىسى ئىچىدە تور ئويۇنى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى بىر قانچە ماددىدا بەلگىلەنگەن ھەم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەر كۈنى سائەت 0 دىن سەككىزگىچە تور ئويۇنى ئوينىشى ئېنىق مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تور دۇنياسىنىڭ زىيىنىدىن قوغداشنىڭ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ‹‹دۆلەتنىڭ پەرزەنتى›› ھەم ‹‹جەمئىيەتنىڭ پەرزەنتى››، ئۇلارغا بىخەتەر، ئىشەنچلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

        يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا مەستانە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ تور ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشنى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ باشلامچى بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئېنىق ئېيتقاندا، تورغا مەستانە بولۇش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدىلا مەۋجۇت ئەمەس. ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلىمىگەنلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەر تۇرۇقلۇق ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تورغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىۋېلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى بويىچە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ خېلى كۆپ ساندىكىسىنى ‹‹تور خۇمارىنى تاشلىتىش››قا ئاپىرىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېنىدىكى تور سىمىنى ئۈزۈۋېتىشتەك ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ مەۋھۇم دۇنياغا مەستانە بولۇپ قېلىشى خۇددى ئەينەكتەك رېئال دۇنيادا ئورنىنىڭ يوقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ‹‹تورغا خۇمار›› بولۇپ قالغانلىقىدىن نارازى بولۇۋاتقان ئاتا – ئانىلار ئۆز – ئۆزىدىن شۇنى سوراپ بېقىشى كېرەككى، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشى يېتەرلىك بولدىمۇ؟ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەلىدىمۇ؟ ھەممەيلەن بېشىنى ساڭگىلىتىپ يان تېلېفون ئوينايدىغان ئائىلىدە بالىغا قانداقمۇ توغرا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگىلى بولسۇن! ئەيتاۋۇر، جەمئىيەتتىكى ھەر بىرەيلەن تور ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، رېئاللىقنى بىلىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىللىقلىقىنى قوغداپ، تورنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قامال قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

        ئۆسۈپ يېتىلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ھەر بىر كىشى ياشلىق مەزگىلىدە ئەگرى – توقايلىققا ۋە چۈشكۈنلۈككە دۇچ كېلىدۇ، بەزىدە ئېزىپمۇ قالىدۇ. ئالاقە تورىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بالىلارغا رېئاللىقتىن ھالقىغان تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئورمانلىق ئىچىدىكى تەۋەككۈلچىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بۇ ئورمانلىق ئىچىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ، پارلاق كىشىلىك ھايات يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

    رەمىلە غوپۇر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.