مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    بالىڭىزغا ئۈلگە بولالىدىڭىزمۇ؟

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:18:45شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلپىيە ئابلىز

        نەچچە كۈن ئىلگىرى گېزىتتىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. خەۋەردە ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە 16 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئوغرىلىق قىلىش، ئادەم ئۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ھاراق ئىچىپ، نەرسە – كېرەكلەرنى ئۇرۇپ چېقىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا سوت ئاچقانلىقى، سوتقا بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى، سوتچىنىڭ بالىغا ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاتا – ئانىسىغا دەيدىغان گەپلىرى بولسا دەۋېلىشىنى ئېيتقىنىدا، بالا دادىسىغا: ‹‹ دادا مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن، سەن ھېچقاچان ماڭا ياخشى قىياپىتىڭنى كۆرسىتىپ باقمىغان، سەنمۇ ھاراق ئىچەتتىڭ، سىرتلاردا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، باشلىرىڭ قان ھالەتتە ئۆيگە كېلەتتىڭ، ھېچقاچان ماڭا ياخشى تەرەپلەردە ئۈلگە بولۇپ باقمىدىڭ. مەن باشقا ئىش قىلمىدىم، پەقەت سەن قىلغان ئىشلارنىلا قىلدىم، مېنىڭ بۇ كۈنگە قېلىشىمنىڭ سەۋەبچىسى سەن›› دېگەن گەپنى ئاڭلىغان دادا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ بالىسىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىدە، دادىنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكى يېزىلغان ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم.

        پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ياراتقۇچى، ئۇلار تۇغۇلۇپ، ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدۇ، بالىلارنىڭ نەزەرىدە دادىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ باتۇر، ئاپىسى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ ئاق كۆڭۈل، ئۇلار ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىدىنمۇ ياخشى كىشى يوق، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشى توغرا، شۇڭا بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىنى دوراشقا، ئۆزىگە ئۈلگە ئېلىشقا ئامراق. ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيدىكى گەپ – سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، ئۆزئارا قىلغان مۇئامىلىلىرى، بالىلىرىغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەر – خوتۇن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتسە، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ، يول قويۇشسا، ئۆيدە كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمىسە، بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار ئۈمىدۋار، تىرىشچان، قەيسەر يېتىلىدۇ، ئاتا – ئانىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ھەر بىر ئىشقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىدۇ، ‹‹ئاپامدەك ئوقۇتقۇچى بولىمەن، دادامدەك دوختۇر بولىمەن›› دەيدىغان بالىلار دەل شۇ ئىناق ئائىلىدە، ئۆزىگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇۋاتقان ئاتا – ئانىسىدەك بولغۇسى بار بالىلاردۇر. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىدا بولسۇن بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىدە ئۈلگە بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلار ئاپىسىدەك، دادىسىدەك ئادەم بولۇشنى تاللىغان. ئەكسىچە، ئەر ئۆزىنىڭ ئويۇنى، ئايال ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن يۈرسە، بۇ خىل ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلار شەخسىيەتچى، ئىچى تار، ھۇرۇن بولۇپ قالىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيدىكى ئۈلگىلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ خۇنۈك، ئەڭ ناچار تەرەپلىرىنى ئىزچىل ئاشكارىلاپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ خىل ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ مۇشۇ ھالەتلىرىنى ئۈلگە ئېلىپ ھەر قانداق ئىشقا پاسسىپ ئىدىيەدە بولىدىغان، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاتا – ئانىسىنىڭ بولمىغۇر قىلمىشلىرىنى، خاتا ئىش – ھەرىكەتلىرىنى دوراپ قالىدۇ.

        شۇڭا ھەر بىر ئاتا – ئانا بالىلار ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلارغا ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇپ، بالىلارنىڭ ساغلام، ئۈمىدۋار، روھلۇق ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ بالىلىق قەلبىدە جاراھەت قالدۇرماسلىقى كېرەك.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.