مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ئەمگەك بالىلارنى تاۋلايدۇ

    ئامانگۈل2017-01-16 17:29:25شىنجاڭ گېزىتى

    ئابلىمىت قۇربان

     قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پىيادىلەر يولى ئارقىلىق قەشقەر‹‹خەلق›› باغچىسى تەرەپكە كېتىۋېتىپ يول ياقىسىدىكى رىشاتكىنىڭ يېنىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى تازىلىق ئىشچىسى فورمىسى كىيگەن قول ھارۋىسىغا ئەخلەت ئۇسۇۋاتقان 45 ياشلار چامىسىدىكى بىرسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا چىرايلىق ياسانغان 11 – 12 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل:

      ـ ۋاي دادا، بولدى ئەمدى، گەپلىشىپ تۇرىۋەرمەي ماڭغىنە، دېگىنىچە دادىسىنىڭ بىلىكىدىن تارتتى. بالىنىڭ تەقەززا بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن دادا ئىختىيارسىز پاراڭنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى – دە، سۆھبەتدىشى بىلەن خوشلىشىپ، يولىغا راۋان بولدى. يولىمىز بىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم. تەخمىنەن تۆت – بەش قەدەم يول يۈرگەندىن كېيىن، بالا دادىسىغا قاراپ گەپ ئاچتى:

     ـ ئەجەبمۇ ئۇزاق پاراڭلىشىپ كەتتىڭ دادا ئۇ تازلىق ئىشچىسى بىلەن، سەن ئۇنى قانداق تونۇيسەن؟...

     بالا دادىسىغا قاراپ يەنە نېمىلەرنىدۇر دېدى. ئەمما ئۇلار مەندىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەچكە، ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان گەپلەرنى ئاڭلىيالمىدىم. بىراق، بالىنىڭ باياتىن دادىسىغا قويغان سوئالى قۇلاق تۈۋىمدە يېنىش يېنىشلاپ ئەكس سادا قايتۇرۇۋاتاتتى. كېتىۋېتىپ خىيالغا پاتتىم: ‹‹توۋا ئاۋۇ بالىنىڭ مۇشتەك تۇرۇپ قىلغان گېپىنى. ئۇنىڭ دادىسى تازىلىق ئىشچىسى بىلەن گەپلەشسە نېمە بوپتۇ؟ قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەل ياتارغىچە تىنىم تاپماي يول سۈپۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن پاكىز، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتقان جاپاكەش تازىلىق ئىشچىسى ئۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ ‹‹سۈپىتى››گە قانچىلىك تەسىر يەتكۈزگەندۇ؟!...››

     خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش بىلەن بىللە، ئەجىر – ئەمگىكى ئارقىلىق ھالال ياشاپ كەلگەن. ياشلىرىمىز، ئۆسمۈرلىرىمىز بولسا ئۆز قۇرامىغا ماس كېلىدىغان، چامىسى يېتىدىغان جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىپ كەلگەن. يېزىلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىرى ئوت ئوتاش، باشاق تېرىش، مال بېقىش... قاتارلىق دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرى بىلەن؛ شەھەر – بازاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىرى بولسا ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئەمگەكنىڭ نىمىلىكى، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەقەللىي بىلىملەرگە ئىگە بولغان. بۇ ھال ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدە ئەمگەكنى سۆيۈش كۆز قارىشىنى بىخلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە مېھىر – مۇھەببىتىنى ئويغاتقان.

     ئەپسۇس، شەھەر، يېزىلاردا ئاز پەرزەنتلىك بولۇش ئومۇملاشقاندىن بۇيان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى زىيادە ئەتىۋارلىدى. بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى بالىلار جىسمانىي ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان، ئاتا – ئانىلار ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ، ھېچقانداق ئىش قىلدۇرمايدىغان بولدى. بۇ ھال تەدرىجىي راۋاجلىنىپ، بالىلاردىكى ھۇرۇنلۇق، ئەركە – نايناقلىق خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ياشلار، ئۆسمۈرلەردە ھۇرۇنلۇق، ھاكاۋۇرلۇق تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى ئەمگەك بىلەن خۇشى يوق قىلىپ قويىدۇ. بىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى دەيمىز. ئەمگەك بىلەن خۇشى يوق ھۇرۇن بالىلار قانداقمۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىگىلىرى بولالىسۇن؟

     قارايدىغان بولساق، ھازىر شەھەر – بازارلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا بۇغداي مايسىسى بىلەن كۈدىنى قويۇپ قويسا، قايسىسىنىڭ بۇغداي مايسىسى، قايسىسىنىڭ كۈدە ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەلمەيدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە مەملىكىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەھەر – بازارلاردىكى باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق ۋە كۈزلۈك يىغىم مەزگىللىرىدە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدىغان؛ يېزىلاردىكى باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇددەتكە بۆلۈپ شەھەر – بازارلاردىكى زاۋۇت، فابرىكا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى... ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدىغان ياخشى بىر ھالەت ئومۇملاشقانىدى. ئەينى چاغلاردا يېزىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن گۈزەل سەھرانىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ تەبىئەت بىلەن تونۇشاتتى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا بېقىپ، چامىسىنىڭ يېتىشىچە دېھقانلارنىڭ بۇغداي ئورۇش، باشاق تېرىش..... قاتارلىق ئەمگەكلىرىگە ياردەملىشەتتى، ھەر خىل زىرائەتنىڭ تۈرلىرىنىڭ، مايسا شەكىللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق تېرىلىپ، قانداق پەرۋىش قىلىنىپ، قانداق يىغىۋېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەقەللىي بىلىمگە ئىگە بولاتتى. ئەڭ مۇھىمى دېھقانلارنىڭ پەرۋىش قىلىش جەريانىدىكى تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى كۆرۈپ، دېھقانلارغا بولغان مېھىر – مۇھەببەت، ھۆرمەت تۇيغۇسى ئورنىتىلاتتى.

     يۇقىرىدىكىلەردىن مەلۇمكى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ۋە قۇرغۇچىلىرى بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەكنى سۆيىدىغان، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن: شەھەر، يېزىلاردىكى ئاتا – ئانىلار ئائىلىلىرىدە، مەكتەپ، سىنىپلاردا ئەخلاق تەربىيەسى دەرسلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەكنىڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك قىلىشنىڭ شەرەپلىكلىكى توغرىسىدا داۋاملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى چامىسى يېتىدىغان ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەككە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى يېقىنراق شەھەر – بازارلاردىكى زاۋۇت، فابرىكىلارنى... ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. بۇنداق قىلىش ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش ئېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ ‹‹تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەڭ تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەردىن قىلىپ يېتىلدۈرۈش››تىن ئىبارەت مائارىپ يۆنىلىشىگىمۇ ئۇيغۇن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.