مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋە يېگەندە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-13 17:48:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
     
       قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قېرىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى باشقا مېۋە – چېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ ، مەسىلەن ، قارا ئۈزۈم ، قارا ئۈجمە ، قارا ئەينۇلا ، قارا ئۈرۈك قاتارلىقلار .

        ئوزۇقشۇناس سۇڭ سىن مۇنداق دېدى : ‹‹ قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ، ۋېلىن ، كالىتسىي ، سىنىك قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكالنى تۈگىتىپ ، مېتابولىزىمنى تېزلىتىپ ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بارغانسېرى ياشىرىپ ، گۈزەل بولغىلى بولىدۇ ، قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋە تەركىبىدە سىئانىدىن ، خىلروفىل قاتارلىق پېگمنېت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشىغا قارشى ئىقتىدارى بار .

        قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبى ئادەتتىكى باشقا مېۋە – چېۋىلەردىن يۇقىرى ، بۇ مېنىرال ماددا ئىيونلىرى كۆپىنچە ھالدا ئورگانىك كىسلاتالىق تۇز شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ ، ئورگانىزىمنىڭ ئىيون تەڭپۇڭلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ ، ئاياللارنىڭ ئورۇقلاش ، تېرە ئاسراشتىكى ‹‹گۆھىرى›› ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، قارا ئۈجمە تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئاممونىي كىسلاتا ، ئورگانىك كىسلاتا ، كاروتىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قان ھاسىل قىلىدىغان قىزىل ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ ، ئورگانىزىمنىڭ ئارتېرىيە ۋە سۆڭەك بوغۇمىنىڭ قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . لېكىن ئۈجمىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولغاچقا ، فىزولوگىيەلىك دەۋردىكى ۋە ئاشقازان – ئۈچەي خىزمىتى ياخشى بولمىغانلار سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ، قورسىقىنىڭ ئاغرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك .

        ئۇنىڭدىن باشقا ، قارا ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە مول بولغان مىنېرال ماددا ۋە ئاممونىي كىسلاتا بار بولۇپ ، نېرۋىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە ھەددىدىن زىيادە چارچىشىنى يېنىكلىتىشكە پايدىسى بار . قارا ئەينۇلانىڭ قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار .

    (ماتېرىيالدىن)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.