مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-13 17:44:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، توي قىلىش ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشىدىكەن. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، توي قىلىش ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تاماكا تاشلىغاندىنمۇ بەكرەك پايدىلىق ئىكەن .

       توي قىلغان ئەرلەرنىڭ قېنىدا يۈرەك كېسىلى ۋە جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان C –رېئاكسىيىلىك ئاقسىلنىڭ مىقدارى توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭكىدىن ئاز بولىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەرلەر تاماكا تاشلىغاندا بەدەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش ، سالامەتلىكىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلىنىش نىسبىتى %7.94 ، توي قىلغاندا بولسا %10.34 بولىدىكەن .

     

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.