مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللار ۋاقىتنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-03 17:05:26تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


        

        1. ھەر كۈنى قايسى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزنى خاتىرلەپ مېڭىڭ، ئەگەر ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولسىڭىز، كېيىن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

        2. كۈچىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى تېجەپ قالىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىڭ. ھەر كۈنلۈك تاماق تۈرىنى ياخشى پىلانلىيالىسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ كۆرمىگەن دەرىجىدە نۇرغۇن ۋاقىتنى تېخەپ قالالايسىز.

        3.بىلىپ–بىلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىتتىن ئوبدان پايدىلىنىڭ. بۇنداق ۋاقىتتا بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىڭ.

        4.زامانىۋى قوراللاردىن پايدىلىنىپ، كۈچىڭىز ۋە ۋاقتىڭىزنى تېجەپ قېلىڭ. مەسلەن، ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى توردىن ئىزدىسىڭىز، توردا زاكاز قىلسىڭىز بولىدۇ.

        5. بازارغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى كۆڭلىڭىزدە دىتلىۋېلىڭ.

        ھەممىمىزنىڭ ئىلكىدىكى ۋاقىت ئوخشاش، گەپ سىزنىڭ ۋاقىتتى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، قانداق پايدىلىنىشىڭىزدا.

    (ماتېرىيالدىن)

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.