مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللار قانداق قىلغاندا بېسىمنى يېنىكلىتەلەيدۇ؟

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-27 17:58:41تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       تۇرمۇش رېتىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشغا ئەگىشىپ، كۆپىنچە خانىم-قىزلاردا مىجەزى چۇسلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە، بۇ خىزمەت ھەمدە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشچە %75.93 ئايالدا چارچاش بەك ئېغىربولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %55.87 ئايال ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالغان.

       ئاچچىقلىنىش، چۇسلۇق ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا نۇرغۇن كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. مەسلەن، بالىياتقۇ ئۆسمىسى، سۈت بېزى يوغىناپ قېلىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار.

       بۇ خىل بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئاماللارنى سىناپ بېقىش كېرەك:

       1.مۇڭدىشىدىغان ئادەم تېپىش. مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتدىشى ياكى دوستى بولسۇن، پاراڭلىشىپ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېيىش كېرەك.

        2. كۈندە 10 مىنۇت خام خىيال سۈرۈش.

       3. كۈندە بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىش. مۇۋاپىق ئىچىپ بەرگەندە بېسىمنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.

        4. كەيپىيات ناچارلىشىشقا باشلىغاننىڭ ئالدى-كەينىدە ئىسسىق ئىچىملىك ئىچىش كېرەك.

       يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاياللاردىكى بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

    «ماتېرىيال»دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.