مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئەقىللىق كېلىن قېيىنئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-20 17:24:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى «خەلقئارالىق قىيىن مەسىلە»، بىراق ھامان ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بىر ئەقىللىق ئايال، لاياقەتلىك خوتۇن، مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن قېيىنئانىغا زادى قانداق «تاقابىل تۇرۇش» كېرەك؟ دەرھال تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، قېيىنئانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى چوقۇم ئالالايسىز.

     بىرىنچى، قېيىنئانىڭىزنى «ئاپا» دەپ چاقىرىش قېتىم سانىڭىزنى كۆپەيتىڭ.

     ئىككىنچى، دائىم قېيىنئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ.

     ئۈچىنچى، قېيىنئانىڭىزدىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراڭ، بەزى بىلىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنى «ئۇستاز» تۇتۇپ، سوراپ «بىلىم» ئېلىڭ.

     تۆتىنچى، قېيىنئانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز ھەمدە قېيىنئاتىڭىزنى ماختاڭ.

     بەشىنچى، «ئەرز-شىكايەت» قىلماڭ.

     ئالتىنچى، قېيىنئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنى ئىشقا سالماڭ.

     يەتتىنچى، قېيىنئانىڭىزنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرۈڭ، كەڭ قورساق بولۇڭ، سىز ھەل قىلالمايدىغان كەمچىلىكىنى كۆرگەندە كۆزىڭىزنى بىرلا يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىڭ، ئەمەلىيەتتە سىزمۇ-مەنمۇ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس.

    (پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئەۋزەل ئەلقەم تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.