مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئېغىز-بۇرۇننى شارپا بىلەن ئېتىۋېلىش كېسەل پەيدا قىلىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-12-16 17:13:50شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

      قىش كۈنلىرى شارپا بولمىسا بولمايدۇ. بەزى كىشلەر ئىسسىق تۇرۇش ئۈچۈن شارپا بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋالىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ سالامەتلىككە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

     كۆپ قىسىم شارپىلار قوي يۇڭى، توشقان يۇڭى، ئارىلاشما تالالىق يىپلاردىن توقۇلىدۇ، تالا ئاسانلا تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە شارپىنى دائىم يۇيۇپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، چاڭ-توزان ۋە باكتېرىيەلەرنى ئاسانلا سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئەگەر شارپا بىلەن ئېغىز-بۇرنىمىزنى ئېتىۋالساق، تۆكۈلگەن تالالار، چاڭ-توزان ۋە باكتېرىيەلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كېلەىپ چىقىدۇ.

     پەلەيمۇ قىش كۈنلىرى كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم، ئەگەر تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا، تېرە كېسەللىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.