مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 500 مىڭ يۈەن پارتىيە بەدەل پۇلى ئاجرىتىپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بەردى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:25:04شىنجاڭ گېزىتى

         ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا بولغان غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، جىڭ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشىغا ياردەم بەردى.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىدىن جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تايانچى ۋە سىردىشى بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.