مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايون نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەشنىڭ ‹‹ئۈچ بىر تۈركۈم››ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامراتلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:24:00شىنجاڭ گېزىتى

        مۇخبىرىمىز چاۋ جىننىڭ 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش جېڭى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەش قۇرۇلۇشى <ئۈچ بىر تۈركۈم> ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى تۈزۈپ، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىلەرنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ ساقايتىپ، ‹‹بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاپ ساقايتىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش›› خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەشنى ئاغرىق كىشىگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن.

        ئىگىلىنىشىچە، ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاپ ساقايتىشتا ئاپتونوم رايون ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئېغىر كېسىلىنى مەخسۇس داۋالاپ ساقايتىش خىزمەت لايىھەسى››نى تۈزۈپ، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى، بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان راكى، ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان بۆرەك كېسىلى قاتارلىق يەتتە تۈردىكى توققۇز ئېغىر كېسەلنى مەركەزلىك داۋالاپ ساقايتىشنىڭ بارلىق نامرات رايونلارنى تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاپ ساقايتىشنىڭ يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ۋە يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى ھەمدە يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنى تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك داۋالايدىغان كېسەل تۈرلىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسىلىنى تەلتۆكۈس داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

        ئاپتونوم رايون سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ. جايلار مۇلازىمەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىگە ئالدى بىلەن ئاساسىي داۋالىنىش، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش ۋە بەلگىلەنگەن ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن خاس مۇلازىمەت بوغچىسى تەسىس قىلىپ، خەتەرلىك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئامما ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەتتىكى ئاغرىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇپ، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى تىزگىنلەش، ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش، مەسلىھەت سوراش ۋە جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىدۇ.

        ئاپتونوم رايون ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئەسكەرتىش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش ۋە خىراجەتنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەيدۇ. شەھەر – يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش)، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى ۋە نامرات ئاھالىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان خىراجەتكە ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر شەھەر – يېزا داۋالىنىش ياردەم پۇلىدىن قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى چىقىم ئۆلچىمى، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى، داۋالىنىش فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىم چېكى قاتارلىق جەھەتلەردە نامراتلارغا تېخىمۇ مايىللىشىپ، سىياسەت دائىرىسىدىكى دورا ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالاشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. داۋالاش ياردىمى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

        تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ھازىرقى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمى ئاساسىدا، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تولۇقلىما سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى دەل يۆلەشنى يەنە بىر قېتىم كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

        ئاپتونوم رايون يەنە شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەش تولۇقلىما سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى تولۇق جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرنى ماسلاشتۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ئاپپاراتىغا تايىنىپ، بىرلەشمە ئاتچوت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالدى بىلەن ناھىيەدىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىش، كېيىن ھەق تاپشۇرۇش ۋە ‹‹بىر كۆزنەك››تە ۋاقتىدا ھېسابات قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاتچوت قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرىدۇ. پۇل تۆلەش شەكلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن يەككە كېسەل تۈرى ھەق ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئالاقىدار كاپالەت، ياردەم بېرىش بىرلەشمە ئاتچوت نىسبىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتۇلدۇرۇش، ياردەم بېرىش مەبلىغىنى تېجەپ، پۇقرالارغا كۆپرەك نەپ يەتكۈزىدۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.