مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:08:03شىنجاڭ گېزىتى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

        قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆلچىمى، جەمئىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ مىزانى، شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان قائىدە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

        دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسى سېلىندى

        دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي تەدبىر، قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل.

        پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

        ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق قانۇن چىقىرىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

        ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى تۈزۈلۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىدا ئاچقۇچلۇق ‹‹تۇنجى بەت›› ئېچىلدى؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، خامچوت قانۇنى قاتارلىق دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قانۇن – نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئايلىنىشى تېخىمۇ تەرتىپكە سېلىندى؛ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشكە ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى... بۇ بەش يىلدا، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك چىقىرىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، قانۇن – نىزام ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى، دەۋر تېمىسىغا مايىللاشتۇرۇلدى، قانۇن – نىزام ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىندى.

        قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ، نوپۇزىمۇ يولغا قويۇشقا باغلىق

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئىزاھات بەردى، دۆلەت ‹‹ئاساسىي قانۇن كۈنى›› تەسىس قىلىپ ۋە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى؛ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ئىناقلىقى ۋە بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈم بىرلىكىنى قوغدىدى. بۇ بەش يىلدا، قانۇن ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى.

        ئەدلىيە ئادىللىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇلار تۈگىتىلىپ، جەمئىيەتتە ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

        ‹‹سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم چىقارغۇچى مەسئۇل بولۇش››تىن ئىبارەت ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ دەۋا قىلىشتىكى ئېغىرچىلىقىنى يەڭگىللىتىدىغان، ئاممىغا قولايلىق، خەلققە پايدىلىق ئىسلاھاتلار ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹دېلو تۇرغۇزۇش، دەۋا قىلىش، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش››تىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىندى... بۇ بەش يىلدا، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەدلىيە كاپالىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئامما ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدىغان بولدى.

        قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

        2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن 20 قانۇن تۈزدى، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قاراردىن 39نى ماقۇللىدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە چېتىشلىق قانۇن 100گە يەتتى.

        بەش يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن جەمئىي 43 قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى، 43 مەمۇرىي نىزام تۈزۈلدى ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

        بەش يىلدىن بۇيان، ئەدلىيە ئورگانلىرى ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭ ناھەق، يالغان، خاتا دېلودىن 34نى قانۇن بويىچە تۈزەتتى. مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، نەق مەيداندا تىزىملاپ دېلو تۇرغۇزۇش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

        ...

        ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگودا ، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالدى.

        ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا ئومۇميۈزلۈك سېلىش

        ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش›› 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى بىر مۇھىم نىشان قىلىپ بېكىتىلدى. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.

        قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئادا قىلىش كېرەك

        خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھىرىنىڭ سۇشيەن رايونى جۇاڭمېن كەنتىدە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ ۋېنجۈن يېقىندا تۈزۈلگەن ھوقۇق تىزىملىكىنى تونۇشتۇرۇپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە ئالاقىدار قائىدە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىنتىزامنىڭ يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ 33 ماددىلىق ھوقۇق تىزىملىكى قائىدە سۈپىتىدە تۇرغۇزۇلدى، بۇ تىزىملىك ئارقىلىق قايسى ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقى، قايسى ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىر قاراپلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، چىرىكلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

        بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدە تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى بېكىتىلدى ھەم ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ھوقۇق چەكلىمىسى، تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھوقۇق چېگراسى ئېنىق ئايرىلدى. ھازىرغا قەدەر مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق – مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ بولدى.

        ھوقۇق بولغان ئىكەن مەسئۇلىيەتمۇ بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىكەن مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك

        يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىليەنشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئۈچ كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون رەھبىرىي كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

        پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتە جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جايلار ۋە تارماقلار مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتە جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلدارلارغا ‹‹ئەپسۇن چەمبىرىكى›› كىيگۈزۈلۈپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ئىشنى قالايمىقان قىلغانلار جازالاندى.

        خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىش كېرەك

        بىر ۋاراق ‹‹بىھۇدە ئىسپات›› دەل قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكنى ئىسپاتلىدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىنقى يىللاردا ‹‹جامائەت مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقاتتى، جايلار ۋە تارماقلار تۈرلۈك ئىسپاتلارنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن كونكرېت تەدبىرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹بىھۇدە ئىسپات››، ‹‹تەكرار ئىسپات›› تەلەپ قىلىش تەدرىجىي تارىخقا ئايلىنىشقا باشلىدى.

        گوۋۇيۈەن تارماقلىرى بەش يىلدىن بۇيان مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن جەمئىي 618نى بىكار قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹مەمۇرىي ئىجازەت تەستىقى بولمىسا بولمايدۇ›› دېگەن ئۇقۇم تارىخقا ئايلاندى؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى ئازايتىلدى، مەركەز قاتلىمىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى %90 ئازايتىلدى.

        پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قاتتىق بولۇشتا جەزمەن قانۇننى ئۆلچەم قىلىش كېرەك

        پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىدىن 80نى چىقاردى ياكى ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، بۇ پارتىيەنىڭ ھازىرقى ئىچكى نىزاملىرىنىڭ %40ىدىن ئاشىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››نى چەكلەش ئۆلچىمى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلدە كۆرسەتتى.

        بارلىق ھوقۇقنى قانۇنغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا يۈرگۈزۈش، ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش رىتىمى بارغانسېرى روشەنلەشتى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا قەدەم بارغانسېرى پۇختا بېسىلدى.

        خەلقنى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش

        قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئاساسى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا.

        چۇڭچىڭ شەھىرى نەنئەن رايونىنىڭ خەيتاڭشى كوچىسى شۇيۈ مەھەللىسى تىپىك كونا مەھەللە، ھۆكۈمەت بۇ مەھەللىنى تۈزىمەكچى بولغاندا بەزى ئامما بارلىق چىقىمنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارىغاچقا، پىكىردە بىرلىككە كېلىش تەس بولدى. 2014 – يىلىدىن باشلاپ، نەنئەن رايونى چوڭ ئىشلارنى ھۆكۈمەت ھەل قىلىدىغان، كىچىك ئىشلارنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىپ مەسلىھەتلىشىدىغان، شەخسىي ئىشلارنى ئاھالىلەر ئۆزى ھەل قىلىدىغان ‹‹ئۈچ ئىش ئايرىۋېتىلگەن›› ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك كېڭىشىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، ئۇزاق ئۆتمەي مەھەللە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، شۇيۈ مەھەللىسىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى.

        قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇشقا تىرىشتى.

        ئامما قايسى مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلسە، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئەدلىيە ئورگانلىرى تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلوسى توغرىسىدا ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقاردى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلولارنى قاتتىق جازالىدى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يېمەكلىك، دورا ساھەسىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى... قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەت ھەرىكىتى يەنىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىيلاشتۇرۇلۇپ، قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تەرتىپكە سېلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇلدى.

        قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتا ئومۇمىي خەلق سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى ۋە قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇشى زۆرۈر.

        ‹‹قانۇنغا جەزمەن ئېتىقاد قىلىنىشى كېرەك، بولمىسا ئۇ كۈچىدىن قالىدۇ››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېتىقادى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش كەيپىياتى كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ، ئاممىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى تولۇق قوزغىتىلدى.

        قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹دۆلەت ئورگانلىرىدا <كىم قانۇن ئىجرا قىلسا، شۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش>تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا قانۇننى توغرا ئومۇملاشتۇرۇشى، ئاممىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، قانۇن ھۆكۈمىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشى ھەم قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

        قانۇن ئارقىلىق جاھان تىنچلاندۇرۇلدى، ئەخلاق كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇلدى. ئەخلاق ئارقىلىق قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مەزمۇنى بېيىتىلىپ، ئەخلاقنى قانۇن ئىدارە قىلىشقا تىرەك قىلىش كۈچەيتىلدى؛ قانۇن ئارقىلىق ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكى قوغدىلىپ، ئەخلاق كاتېگورىيەسىگە ياتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىندى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپىغا كىرگۈزۈلدى، قانۇن ۋە سىياسەت ئارقىلىق جەمئىيەتتىكىلەرگە توغرا قىممەت يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ‹‹روھ خىسلىتى›› مۇجەسسەملەندى.

        قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇلدى. ‹‹7 – بەش يىللىق›› قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەزگىلىدە قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى تېزىسى تۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرى دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› ياشلار، ئۆسمۈرلەر قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ئەندىزىسى كۈچەيتىلدى.

        ئۆتكەن بەش يىلدا، قانۇن ئىدارە قىلىش 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلىنىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا يەنە يېڭى مۇساپە باشلاندى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ توپلايدۇ.

        (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى) 

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.