مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كۇچا ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى

    مەۋلۇدە2017-08-11 09:51:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    10-ئاۋغۇست، ياشلار كۈسەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا جايلاشقان مەريەم كىيىم–كېچەك سودا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلىمەكتە.

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل «ئون مىڭ ياشنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ھەرىكەت پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، تور سودىسى كەسپىي باغچىسى، نان شەھەرچىسى، كۈسەن ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، كونا شەھەر ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، ئىگىلىك تىكلەش قولايلىق مۇلازىمەت دۇكىنى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. دېھقانلار ئائىلە دۇكانلىرى شەكلىدىكى كىچىك-مىكرو كارخانىلار تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئورنىدا ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن يىل بېشىدىن ھازىرغىچە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن 5500 دىن ئارتۇق ئەمگەكچى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 13 مىڭ 500 ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 15 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق كىشى كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، پۈتۈن ناھىيەدە «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىش» قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

    10-ئاۋغۇست، ياشلار كۈسەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىغا جايلاشقان مەريەم كىيىم–كېچەك سودا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلىمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.