مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    تولى ناھىيەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان بېگىز تۇمشۇق لايخورەك بايقالدى

    مەۋلۇدە2017-08-10 11:28:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        يېقىندا، ئاز ئۇچرايدىغان بېگىز تۇمشۇق لايخورەك توپى تولى ناھىيەسى ئەتراپىدىكى كۆل بويىدا پەيدا بولدى. شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باش مۇدىرى ۋاڭ چۈەنبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېگىز تۇمشۇق لايخورەك رايونىمىزدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قۇش تۈرى بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش 50، 60 بېگىز تۇمشۇق لايخورەكنىڭ توپلىشىپ پەيدا بولۇشى تېخى تۇنجى قېتىملىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە،  بېگىز تۇمشۇق لايخورەك ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپىيىدىغان بولۇپ، قىش پەسلىدە جەنۇبقا كۆچۈپ، ھىندونېزىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا قىش ئۆتكۈزىدىكەن. ئىلگىرى ئۇنىڭ شىنجاڭغا تارالغانلىقى توغرىسىدا خاتىرىلەر بولسىمۇ ئەمما شىنجاڭ ئىچىدە كۆپىيىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار يوق ئىكەن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارباغاتايدىكى يايلاقلاردا  بېگىز تۇمشۇق لايخورەكنىڭ ئىزلىرى بايقالغان.

      بېگىز تۇمشۇق لايخورەك بېلىق، ھاشارەت، سەدەپ قېپى قاتارلىق «گۆشلۈك» ئوزۇقلارنى يېگەندىن باشقا، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، شىرنىلىك مېۋە قاتارلىق «گۆشسىز» ‹‹غىزا››لارنىمۇ يەپ قويىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.