مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كۇچا ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈردى

    مەۋلۇدە2017-08-10 09:49:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    كۇچا ناھىيەسى شاڭخەيدىن كەلگەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 120دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاۋغۇست، كۇچا ناھىيەسى شاڭخەيدىن كەلگەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 120دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.ساياھەتچىلەر تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، قىزىل قاغا تۇراسى، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلدى.

       كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تۈر مەبلىغى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، كۇچا ۋاڭ ئوردىسىنى دۆلەت 5A دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ئەتراپىدىكى «قىزىل قاغا تۇراسى»، «قىزىل مىڭئۆيى»، «سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى» قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈردى. ساياھەت مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ساياھەت بايلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۇچانى ساياھەتچىلىكتە كۈچلۈك ناھىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە پائال ئىزدەندى.

    كۇچا ناھىيەسى شاڭخەيدىن كەلگەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 120دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.