مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

    ئامانگۈل2017-08-09 11:29:20شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. تېلېگراممىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

     شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

     شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ ھەم ئورتاق گەۋدە قۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش تەرەققىياتىدىكى ۋەكىللىك كۈچ بولۇپ قالدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 1991 – يىلى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات باش تېمىسىدا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش ھەمراھلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇپ قالدى.

     جۇڭگو سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، 2018 – يىلى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشقان جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئۇنى ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈلگىسى قىلىشنى خالايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.