مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى

    مەۋلۇدە2017-08-09 10:10:18تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاۋغۇست، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى باشلانغان بولۇپ، زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.

       شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئالدىدىكى ئەنجۈ قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل مۇھەممەت توققۇز ياشلىق ئوغلى ئەزىمەتكە چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ئەزىمەت بىر تەرەپتىن سىزىلغان رەسىملەرنى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم ئاستىغا يېزىلغان ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، ئاپىسىدىن توختىماي ئۇنى-بۇنى سورايتتى. ئايگۈل مۇھەممەتمۇ ئېرىنمەي ئوغلىغا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئەزىمەت بۈگۈنكى كۆرگەزمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدى، چۈنكى كۆرگەزمىدە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەسىملەردىن باشقا، ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغان نۇرغۇن تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھېكايىسىمۇ بار ئىدى.

       ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ داجۇڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى 5-ئاۋغۇست شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى.

      كۆرگەزمىگە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان 1000 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى.

      مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ تارىخىغا نەزەر سالساق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بار. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخىسلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇ تەسىرلىك ئىش-ئىزلار شىنجاڭدىكى چاتما رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى، ئۇلار قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۈچ يىل ئىچىدە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى، ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت كادىرى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگىلىك ھېكايىلىرىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە قوش تىللىق چاتما رەسىملىك كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.

        بۇ قېتىمقى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىگە شىنجاڭ داجۇڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى چاتما رەسىم تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەسساملىرى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى تاللاپ قاتناشتۇرۇلدى.

      كۆرگەزمىخانىدا كىشىلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم ئالدىغا يىغىلىۋالدى، چۈنكى بۇ يەردە رەسىمدىكى ئاساسلىق شەخىس قۇربان نىيازمۇ كۆرگەزمىنى كۆرگىلى ئالايىتەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

       _ بىز كىچىكىمىزدىن ئىلغار شەخىسلەرنىڭ چاتما رەسىملىك كىتابلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق. كىچىك ۋاقتلىرىمدا كۆرگەن شۇ قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى تا ھازىرغىچە قەلب تۆرۈمدە. مەن 14 يىل ئىلگىرى يۇرتۇمدا دۆلەت تىلى مەكتىپى قۇرغان. ھازىر مەكتىپىمىزدە 850 ئوقۇغۇچى بار. مېنىڭ ھېكايەمنى رەسىم قىلىپ سىزغان رەسسام ۋە ماقالىسىنى يازغان يازغۇچىنىڭ ئىپادىلىشى ناھايىتى ئەتراپلىق، ياخشى بوپتۇ. بۇ قېتىمقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مەزمۇنى مول، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇرىقى كۈچلۈك، سىزىلىشى رەڭگارەڭ بوپتۇ. بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن كىشىلەر رەسىمىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ھېكايىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ، مۇشۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولىدۇ، شۇڭا بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ،_دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزا دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىياز.

       _ بۇ چاتما رەسىملەرنىڭ ياشلار ۋە بالىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە رولى چوڭ، رەسىملەرنىڭ ئاستىدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ھېكايسى بولغاچقا، بالىلارنى ناھايىتى قىزىقتۇرالايدىكەن، ئۇلار ئۆزى ئوقۇپ، رەسىملىرىنى كۆرۈپ بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكنى ئاسان چۈشۈنەلەيدىكەن، بۇ كۆرگەزمە بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە كىچىكىدىن ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدىغان ئەمەلىي دەرسىلىكىمىز بوپتۇ،- دېدى شەھەر ئاھالىسى ئايگۈل مۇھەممەت.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.