مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كۈندىلىك خاتىرىدىن رېئاللىققىچە: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ھېكايىسى

    ئامانگۈل2017-08-06 14:31:02شىنجاڭ گېزىتى تورى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈەن بىڭجۇڭ، لى شياۋلىڭ، لۈ چيۇپىڭ، جۇ شياۋلۇڭ

     كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى مەمەت قاسىمنىڭ تۇنجى پارچە كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە خەنزۇ قوشنىسىنىڭ ياردەم قولىنى سۇنغانلىقى يېزىلغانىدى. ئۇ 40 نەچچە يىل كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، 26 خاتىرىنى تولدۇردى.

     يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بەزى ناھىيە، يېزىلىرىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مەمەت قاسىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە خاتىرىلەنگەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بەختىيار تۇرمۇشىغا شاھىت بولدۇق.

     26 خاتىرىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى خاتىرىلەندى

     كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى 73 ياشلىق مەمەت قاسىمنىڭ يېڭىدىن كۆركەم سېلىنغان ئەمىن ئۆيىگە بارغىنىمىزدا، ئۇ باش چۆكۈرۈپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتاتتى. كەنتتىكى باشقا دېھقان ئائىلىلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، مەمەت قاسىم بىر ئېغىز ئۆيىنى مەخسۇس كۇتۇپخانا قىلغان بولۇپ، ئۈستەلگە چوڭ- كىچىك خاتىرىلەر تىزىلغانىدى، كىتاب ئىشكاپىغا ھېكايە كىتابلار، گېزىت- ژۇرنال جاھازىسىغا بىرنەچچە گېزىت- ژۇرنال قويۇلغانىدى، بۇ مەمەت بوۋاينىڭ ئادەتتە كىتاب ۋە گېزىت- ژۇرنال ئوقۇپ، كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان جايى ئىدى.

     مەمەت قاسىم مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكىلەر مىللەت ئايرىماي ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ كەلدۇق. مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەشۋىق قىلىپ، ياشلارغا كەنتىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەنئەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئۇدا ۋارىسلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرە يازدىم.

     ئۆستەڭبويى كەنتىدە 300 نەچچە ئائىلە بولۇپ، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن كەيلىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكىلەر مىللەت ئايرىمايدۇ، كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، كۆپچىلىك ھەممىسى ياردەم بېرىدۇ؛ كىم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلار مەردلىك بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.

     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يۆلەش

     ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى يۇقىرىقى بالداڭ كەنتىدىكى ئەزىمەت ئەركىننىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمىزدە، قوي گۆشى ۋە ھېيتلىق تاتلىق- تۇرۇملەرنى ئېلىپ ئاتاق ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن 56 ياشلىق جاۋ خۇڭگاڭغا ئۇچراشتۇق. ئاتا- بالا قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئەزىمەت ئەركىن قوي گۆشىنى ئالدى، جاۋ خۇڭگاڭ ئەزىمەت ئەركىننىڭ ئويناۋاتقان بالىسىغا بىرنەچچە تال ئۆرۈكنى ئۇزاتتى.

     − ئانام بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەندە، ئاتاق ئاتام ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشىم ئۈچۈن 5000 يۈەن بەردى، سىڭلىمنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشىم ئۈچۈنمۇ نەچچە 10 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. يېقىنقى يىللاردا ئۇ ماڭا ئالما پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ھازىر مەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكقا ئايلىنىپ، يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىمەن. توي قىلغان چېغىمدىمۇ ئاتاق ئاتام پۇل بەرگەنىدى، ھازىر دائىم ئوغلۇمنى يوقلاپ تۇرىدۇ، − دېدى ئەزىمەت ئەركىن. پاراڭ ئارىلىقىدا ئەزىمەتنىڭ خوتۇنى لەڭمەن ئەكىلىۋېدى، ئەزىمەت ئەركىن تۇنجى تەخسە لەڭمەننى جاۋ خۇڭگاڭغا قوش قوللاپ ئۇزاتتى.

     جاۋ خۇڭگاڭ ئاقسۇ «دولان قىزىلى» مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھازىر 400 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان ئەزا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت باغۋەنلەر، كىرىمى يۇقىرىراق باغۋەنلەر يىلدا 600 مىڭ يۈەندىن 700 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ، ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 150 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. جاۋ خۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دېھقاننىڭ ئەزىمەت ئەركىنگە ئوخشاش ھەم مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى، ھەم بازار ئېچىش ئىقتىدارى يوق ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشتا كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بېيىشنى مەقسەت قىلدىم.

     ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان باشقۇرۇش رايونى توپقان كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار خەنزۇ دېھقانلارغا كالا، قوي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتسە، خەنزۇ دېھقانلار ئۇيغۇر دېھقانلارغا شال ۋە مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، ئۆزئارا ئۆگىنىش جەريانىدا كۆپچىلىك بارا- بارا بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى. 84 ياشلىق قادىر كېرەم مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كەنتتە يەرلىرىمىز تۇتىشىپ، ئۆيلىرىمىزمۇ كىرىشىپ كەتتى؛ خەنزۇ يولداشلار بىزگە شال ۋە مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىش قىلىش توغرىلىق تەلىم بەرسە، بىز ئۇلارغا كالا، قوي بېقىش، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەتتۇق؛ بىز ئۇلارغا لەڭمەن ۋە پولۇ ئېتىشنى ئۆگەتسەك، ئۇلار بىزگە يەل قازان شورپىسى تەييارلاشنى ئۆگەتتى، بىز بىللە تاماقلىنىپ، بىللە ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلىنىپ كەتتۇق.

     مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈلمەكتە

     كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى موماتېرىق كەنتىدىكى خو شىنيەن بىلەن مەريەم غوپۇر كىچىك قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ، دوستىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بويى ئانچە ئېگىز بولمىغان، ئاپتاپتا قارىدىغان خو شىنيەننىڭ ئۆڭى ئاق ھەم چىرايلىق خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ پەيدا بولۇشى بىلەن كۆپچىلىك «بۇ ئۇنىڭ پاختا تېرىش جەريانىدا تېرىپ كەلگەن چىرايلىق خوتۇنى ئىكەن- دە» دەپ چاقچاق قىلىشتى.

     خو شىنيەن ئەسلىدە 2010-يىلى 50 مو يېرىگە كېۋەز تېرىغانىدى، شۇ يىلى پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان بولسىمۇ، مۇۋاپىق پاختا تەرگۈچى تاپالماي بېشى قېتىپ تۇرغاندا، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ قوشنىسىنىڭ كېۋەزلىكىدە پاختا تېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىر كۆرۈپلا مەريەمنى ياقتۇرۇپ قالغان خو شىنيەن پاختا تېرىش باھاسىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۆرىرەك بېكىتىپ، مەريەمنى ئۆزىنىڭ يېرىدە پاختا تېرىشكە جەلپ قىلدى، ھەمىشە بىللە ئىشلەش جەريانىدا ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن نىكاھى ئەمەلگە ئاشتى.

     ئاقسۇ شەھىرىدىكى 58 ياشلىق ئەمەرجان يولۋاسنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان سۆيۈملۈك ئاكىسى بار، ئۇ كەپىلىك مەھەللىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىنمىغان چاغدىكى كونا قوشنىسى لى دېكۇي ئىدى. 20 يىل ئىلگىرى مەلۇم كۈنى كەچقۇرۇن لى دېكۇينىڭ خوتۇنىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولغاندا، ھاۋا سوغۇق ھەم ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەر شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايدا بولغاچقا، لى دېكۇي خېلى ئۇزاققىچە ئاپتوموبىل توسىيالمىدى، ئىچى تىتىلداپ تۇرغان لى دېكۇي خوتۇنىنىڭ يېنىدىن ئايرىلالمايتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەمەرجان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال سىرتقا چىقىپ تاكسى توسۇپ كەلدى ۋە لى دېكۇينىڭ خوتۇنىنى دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىشىغا ياردەملەشتى.

     ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئارىلىقى يېقىن ئىدى، شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىيلەن ياخشى قوشنا، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى، بىر- بىرىگە ياردەم بېرىش ۋە ئارىلىشىش جەريانىدا ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چىڭىدى. ئەمەرجاننىڭ خوتۇنى 2004-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتتى، دوستىنىڭ ئۈچ بالىسى بىلەن تۇرمۇشىنى تەستە قامداۋاتقانلىقىنى كۆرگەن لى دېكۇي ئۇنىڭ غېمىنى يېدى. ئەمەرجان مۇنداق دېدى: لى ئاكام قىشتا ماڭا كۆمۈر ئەكىلىپ بېرىدۇ، دائىم ئۇن- گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بالىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتتى، بىز فامىلىمىز ئوخشىمايدىغان ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق.

     ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە (شەھەر)لىرىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن چىن مېھىر- مۇھەببەت بىزنى ھاياجانغا سالدى، ئۇلارنىڭ ئاددىي ۋە تەسىرلىك ھېكايىسى ھەم سۆز- ھەرىكىتى قەلبىمىزنى ئىللىتتى. شىنجاڭنىڭ كەڭرى زېمىنىدا مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇنداق يېزا- كەنت ۋە مەھەللىلەر بۇ ئالتۇن زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.