مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    رىقابەت ئېڭى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق

    ئامانگۈل2017-07-26 11:40:12شىنجاڭ گېزىتى

    قەلبىنۇر يۇنۇس

     ئۇزاق يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە رىقابەت مېخانىزمىنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغان، ئوقۇغۇچىلاردا رىقابەت ئېڭى ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

     رىقابەت ئىلھام، جاسارەت، ئىشەنچ، ياخشى پىسخىك ساپانىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. رىقابەت مېخانىزمىنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى رىقابەت ئىچىدە ئۆگىنىشكە يېتەكلىگىلى، مۇۋەپپەقىيەت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرگىلى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

     مائارىپىدا دەرسخانا ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق سەھنىسى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئالاھىدىلىكى دەرسخانىدا روشەن گەۋدىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى يېتىلدۈرۈلسە، ئۆگىنىشتە بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ، تىرىشىدۇ، ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدۇ، ئۆزىنىڭ بوشاڭلىقى سەۋەبلىك كوللېكتىپنىڭ شەنىگە داغ تېگىشنى تېخىمۇ نومۇس دەپ بىلىدۇ. رىقابەت ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆگىنىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ، دەرسخانىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا رىقابەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈشى لازىم.

     رىقابەت ئېڭى ئوقۇغۇچىلاردا بىر – بىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشتىن مۇۋەپپەقىيەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

     شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رىقابەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ جەريانىدۇر. مانا مۇشۇنداق جەرياندا ئوقۇغۇچىلار رىقابەت ئىچىدە ئىلگىرىلەپلا قالماي، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىمۇ يۈكسىلىدۇ، رىقابەتلىك مۇھىتتا تاۋلىنىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ، كۈچلۈك رىقابەت قاينىمىغا تېزلا ماسلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ رىقابەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.