مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    نىيازخان نىزام ۋە ئۇنىڭ ‹‹ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى››

    ئامانگۈل2017-07-26 11:29:01شىنجاڭ گېزىتى

      جېن شىشىن، لۇ مىنيى خەۋىرى ۋە فوتوسىتوقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى يۇقىرىقى قارا ئاش كەنتىدىكى نىيازخان نىزامنىڭ كەيپىياتى خۇددى 6 – ئايدىكى تۇرپاننىڭ ئىسسىقىدەك قىزغىن ئىدى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ‹‹گۈزەل سەھرا دېھقانلار ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نىڭ تىجارىتى بارغانسېرى روناق تاپتى.

     نىيازخان نىزام 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەرىنى سۈرتكەچ، ئېرى ئوسمان ئۆمەرگە: 120 نان تەييار بولدى، چۈشتىن كېيىن ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹ئارمان›› تاللا بازىرىغا 80نى، ناھىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىگە 40نى ئاپىرىپ بېرىڭ، دېدى.

     يۇقىرىقى قارائاش كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت. ئىلگىرى نىيازخان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالتە مو يەرگىلا قاراشلىق بولۇپ، كۈنلىرىنى تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزەتتى. نىيازخان نىزام 2011 – يىلى زىققا كېسىلى بولۇپ، داۋالىنىشقا 20 نەچچە مىڭ يۈەن چىقىم قىلدى. 2012 – يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسىلىسى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئوسمان ئۆمەر تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ ئىش تېپىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش چىقىمىنى قامدىيالمىدى، يەنە تېخى ئائىلىسىنىڭ 20 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزى بار ئىدى.

     نىيازخان نىزام ئائىلىسى 2014 – يىلى كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ھەم نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەشى تارقىتىپ بېرىلدى.

     2015 – يىلى 50 ياشقا كىرىپ قالغان نىيازخان نىزامنىڭ كاللىسىغا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋالماي، ناۋايلىق قىلىپ پۇل تېپىش ئويى كەلدى، ئەمما ناننى سېتىشقا تازا ئىشەنچ قىلالمىدى. پارنىكتا كۆكتات تېرىپ مەغلۇپ بولۇپ ‹‹قورقۇپ›› قالغان ئوسمان ئۆمەرنىڭمۇ تازا ئىشەنچىسى يوق ئىدى.

     ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن سىناپ باقماقچى بولدى. يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىسى نىيازخان نىزامغا نامراتلار ئىگىلىك تىكلىسە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

     نىيازخان نىزام ئېرى بىلەن ھويلىسىدا تونۇر سېلىپ، نان يېقىشقا باشلىدى. تۇنجى تونۇر نان يېقىلىپ، بىر ھەپتىدە ئاران سېتىلىپ تۈگىدى. ئوسمان ئۆمەر تىت – تىت بولۇپ تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ سېتىش يولى ئىزدىدى. يېزىدىكى بىر دۇكاننىڭ خوجايىنى ئوسمان ئۆمەر ئەكەلگەن ناننى تېتىپ كۆرۈپ، تەمى بولىدىكەن دەپ، ھەر كۈنى ئازراقتىن زاكاز قىلدى. نىيازخان نىزامنىڭ نان يېقىپ سېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تېزلا كەنتكە پۇر كەتتى، تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، تۇرپان شەھەرلىك گىدرولوگىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنتتىكى كادىرلار بەس – بەستە كېلىپ نىيازخان نىزامنىڭ نانلىرىنى سېتىۋالدى، يەنە ئۇنىڭغا نان سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى. كۆپچىلىك ۋىۋىسكا ياساپ نىيازخان نىزامنىڭ ھويلا تېمىغا ئېسىپ بەردى، يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇ ۋىۋىسكىنى يىراقتىنلا كۆرەلەيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ ناشتىلىقى ئۈچۈن ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىگە ئايدا 820 نان يەتكۈزۈپ بېرىشكە كېلىشتى. شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن نىيازخان نىزامنىڭ نېنى بازار تاپتى. ئوسمان ئۆمەر: بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى ئويلىماپتىمەن، ئىلگىرى بۇنى خىيال قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، دېدى.

     نىيازخان نىزام 2016 – يىلى 10 – ئايدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ‹‹گۈزەل سەھرا دېھقانلار ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نى قۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئون دېھقان ئەزا بولدى، ئۇلارنىڭ بەشى نامرات ئىدى. نىيازخان نىزام: ئائىلىمىز قىيىن كۈنگە قالغاندا ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم بەردى، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئەمدى باشقا نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ ھويلىسىغا يەنە تۆت تونۇر سېلىپ، كۈنجۈت نان، يەر ياڭىقى نېنى، ياڭاق نان قاتارلىق نان تۈرلىرىنى كۆپەيتتى. ھەر كۈنى سەھەر سائەت 5 تە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرى نىيازخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بەزىلىرى خېمىر يۇغۇرسا، بەزىلىرى تونۇرغا ئوت سالاتتى، ھەر بىرەيلەن ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتى.

     نىيازخان نىزام نانلىرىنىڭ تېخىمۇ بازار تېپىشى ئۈچۈن، يەنە ناھىيە، يېزىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ تۇردى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ناھىيە، يېزا ئۆتكۈزگەن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك – دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بەردى. بۇ يىل 3 – ئايدا ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆت كۈندە 5000 نەچچە يۈەنلىك نان ساتتى.

     ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى نەھەلخان سايىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پۇل تېپىشنىڭ يولىنى بىلمەيتتۇق، نىيازخاننىڭ ھال – كۈنىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتىم، ھازىر نان يېقىپ ئېيىغا 2000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، ئۆيىمىزگە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدۇق.

     ئەينى چاغدا نىيازخان نىزامغا بېرىلگەن نامراتلارنى يۆلەش قويى ھازىر كۆپىيىپ 12 گە يەتتى. نىيازخان نىزام: تىرىشىدىغانلا بولساق، ھامىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، دېدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.