مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    دوختۇرخانىدىن باشلانغان دوستلۇق

    ئامانگۈل2017-07-24 11:57:08شىنجاڭ گېزىتى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەخرىدىن مۇسا

     لەڭگەر يېزىسى كورلا شەھىرىنىڭ غەربىگە، كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ لەڭگەر كەنتىدىكى ئۇيغۇر، شىبە، مانجۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ قاتارلىق بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان دېھقان – چارۋىچىلار ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ئېجىل – ئىناق ياشاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى يازدى.

     ياتاقداشلىقتىن دوستلۇققىچە

     2002 – يىلى لەڭگەر كەنتىدىكى رېھىمجان روزىنىڭ خوتۇنى گۈلجەمىلەم كېرەم ئاغرىپ قېلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقاندا، ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان تارىم نېفىت قوماندانلىق ئىشتابى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى شياۋيۆ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان لى شياۋيۆ كۇچا ناھىيەسىدە ئۇيغۇر قوشنىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتتى، ئۇيغۇرچە ماقالىمۇ يازالايتتى. لى شياۋيۆ گۈلجەمىلەمدىن 20 ياش چوڭ بولسىمۇ، ياش پەرقى، مىللىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا تەسىر يەتكۈزمىدى. ئۇلار دوختۇرخانىدا بىللە داۋالىنىپ، ئۆزئارا ھال – مۇڭ بولۇپ، تەبىئىيلا سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ، لى شياۋيۆ گۈلجەمىلەم كېرەمنى ۋە ئۇنىڭ ئېرى، بالىلىرىنى ئېلىپ، ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىپ، پولۇ، توخۇ قورۇمىسى تەييارلاپ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. گۈلجەمىلەم كېرەممۇ لى شياۋيۆنى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن قوشۇپ، لەڭگەر كەنتىدىكى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا مەززىلىك كاۋاپلارنى يەپ، پىشۇرۇقلارغا ئېغىز تېگىپ، خۇشال – خۇرام ھال – مۇڭ بولۇشتى. 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار بىر – بىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر – بىرىگە ياردەم قىلدى، ھەر يىلى چاغان، ھېيت – بايراملارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

     قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قىلىش

     رېھىمجان روزى بىلەن گۈلجەمىلەم كېرەم تېرىقچىلىق، نەشپۈتچىلىك قىلاتتى، يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەشپۈت باھاسى، ھوسۇلى تۆۋەن، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى بولۇش سەۋەبى بىلەن، ئۇلارنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتتى. 2012 – يىلى گۈلجەمىلەم كېرەمنىڭ نەشپۈتى خېلى ئوبدان مېۋىلىگەنىدى. بىراق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى بولغاچقا، نەشپۈتنى ئۇلارغا ئۈزدۈرسە، كىرىمى ئازلاپ كېتەتتى. لى شياۋيۆ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ نەشپۈتىنى ئۈزۈشۈپ بەردى.

     2012 – يىلى لەڭگەر كەنتىدە گۈلچاي تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. لى شياۋيۆ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ليۇ شۇخۇا، لى ئەيخۇالار رېھىمجان روزىغا گۈلچاي تېرىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن گۈلچاي پىشىپ يىغىۋېلىنىدىغان چاغدا، گۈلچاينىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى. بەزىلەر گۈلچايلىرىنى ساتالماي، شۇ پېتى تاشلىۋەتتى، بەزىلەر ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا رېھىمجان روزى بىلەن گۈلجەمىلەم كېرەم گۈلچايلىرىنى قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا، لى شياۋيۆ دوستلىرى ليۇ شۇيىڭ، لى ئەيخۇالار بىلەن ئامال تېپىپ، رېھىمجان روزىنىڭ گۈلچايلىرىنى سېتىپ بېرىش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، ‹‹كۆنچى دەرياسى سۈيىدە سۇغىرىلغان گۈلچاي›› دېگەن تېمىدا ئېلان يېزىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتتى، لى شياۋيۆنىڭ ئېرى دېڭ چۈەنداۋمۇ تارىم نېفىت قوماندانلىق ئىشتابى تور بېتىدە گۈلچاينى نەچچە ھەپتە كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە، رېھىمجان روزى گۈلچاينىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 200 يۈەندىن سېتىپ، 13 مىڭ 800 يۈەن كىرىم قىلدى. گۈلجەمىلەم كېرەم ھەر قېتىم بۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىدا كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: لى ھەدەم ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ليۇ شۇيىڭ، لى ئەيخۇالار قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى، ئۇلارغا قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.

     گۈلجەمىلەم كېرەم 2015 – يىلى 2 – ئايدا كەنتتىكى يەتتە ئاچا – سىڭىل بىلەن بىرلىشىپ ‹‹ئەلئەمىن گىلەم، كەشتىچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى››نى قۇرۇپ، گىلەم، كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. شۇ چاغدا لى شياۋيۆ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى، تونۇش – بىلىشلىرىگە ئۇلار توقۇغان بۇيۇملارنى تونۇشتۇرۇپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، سېتىپ چىقىرىشقا ياردەملەشتى.

     2015 – يىلى نەشپۈت دەرەخلىرى مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچراپ، رېھىمجان روزى ئەر – خوتۇن ئېغىر زىيان تارتتى، نەشپۈت دەرەخلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئۈششۈك تېگىپ نابۇت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈششۈك تەگكەن نەشپۈت دەرەخلىرىنى قومۇرۇۋېتىپ، يەنە نەشپۈت كۆچىتى تىككەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مېۋە بېرىشىگە بىر قانچە يىل بار ئىدى. بۇ، رېھىمجان ئائىلىسىگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا رېھىمجان روزى باغقا ئىشلىتىدىغان ئوغۇتنىڭ غېمىنى قىلالماي بېشى قېتىپ يۈرگەندە، گۈلجەمىلەم كېرەم ئىككىلەنمەي لى شياۋيۆگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى ئېيتتى. لى شياۋيۆ ئەتىسىلا يېتەرلىك پۇل تەييارلاپ ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەردى. كېيىنمۇ لى شياۋيۆ دوستلىرى ليۇ شۇيىڭ، لى ئەيخۇالار بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى، ئاغرىپ قالسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەردى ھەم پات – پات سوۋغا – سالام بىلەن يوقلاپ تۇردى.

     ‹‹سۈبھىنۇر بىزنىڭمۇ قىزىمىز››

     رېھىمجان روزىنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىدى، چوڭ قىزى سۈبھىنۇر بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، رېھىمجان روزى ئەر – خوتۇن قىزىنىڭ كەلگۈسىدىن بەك ئەنسىرىگەنىدى. شۇ چاغلاردا لى شياۋيۆ گۈلجەمىلەمگە پات – پات تېلېفون بېرىپ، قىزىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى، جىددىيلەشكەن جىددىيلەشمىگەنلىكىنى، ھەپتە ئاخىرىلىرىدا قىزىنى ساياھەت قىلدۇرۇپ، بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەكلىكىنى تاپىلاپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ سۈبھىنۇر سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، بۇ خۇش خەۋەرنى بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگەن كىشى يەنىلا لى شياۋيۆ بولدى. ئۇ سۈبھىنۇرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدى. ئەتىسى سۈبھىنۇرنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا چامادان، كىيىم – كېچەك، كىرلىك، چىش پاستىسى قاتارلىق كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ بەردى، ليۇ شۇيىڭ، ليۇ ئەيخۇا قاتارلىقلار سۈبھىنۇرغا ئوقۇش پۇلى غەملەپ بەردى. گۈلجەمىلەم كېرەم خىجىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغاندا، لى شياۋيۆ: سۈبھىنۇر سىزنىڭلا قىزىڭىز بولماستىن، بىزنىڭمۇ قىزىمىز. بۇ بىزنىڭ ئازراق كۆڭلىمىز، رەت قىلماڭ – دەپ، پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. سۈبھىنۇر ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا لى شياۋيۆ بىلەن ئۇنىڭ ئېرى پويىز ئىستانسىسىغا چىقىپ، سۈبھىنۇرغا 5000 يۈەن بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا: تۇنجى قېتىم ئائىلىدىن ئايرىلىپ يىراققا كېتىۋاتىسىز، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا بىزگە تارتىنماي ئېيتىڭ، دېدى.

     ‹‹ھەممىڭلار مېنىڭ دوستلىرىم››

     كورلا شەھەرلىك مۇپەتتىش ئىدارىسىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە لەڭگەر يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى 2016 – يىلى ئەتىيازدا ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا رېھىمجان روزىنىڭ ئۆيىدە لى شياۋيۆ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۇقۇپ چوڭقۇر تەسىرلەندى. لى شياۋيۆنىڭ تەشەببۇسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن رېھىمجان روزى كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىرنى قۇرۇۋالدى. ئۇ مەيداندىكى يەرلەرنى ئىجارە ئېلىپ تېرىغۇچىلارغا ھۆددىگە بەردى، شۇنداقلا بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا مۇھىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، سەيلە – ساياھەت قىلىپ كەتكۈچىلەر ئۈچۈن، كۆكتاتلىقىنىڭ يېنىغا لاپاس تىكىپ، ئارام ئالىدىغان كارىۋات قويۇپ، گىلەم سېلىپ، كاۋاپدان، ئۈستەل – ئورۇندۇق، قاچا – قۇچىلارنى تەقلەپ قويدى. لى شياۋيۆ، ليۇ شۇيىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مەيداندىكى ھەر بىر پارچە يەرنى 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ھۆددە ئېلىپ، كۆكتات تېرىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا رېھىمجان روزىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان دېھقانلار بىللە كۆكتات تېرىپ، لاپاستا بىللە ئارام ئالدى. ھازىر رېھىمجاننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى كۆلەملىشىپ، كىرىمىمۇ خېلى ئاشتى.

     بۇ يىل 5 – ئايدا خىزمەت ئەترىتى ۋە يېزا رەھبەرلىرى رېھىمجاننىڭ ھويلىسىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى›› دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتتە رېھىمجان روزى مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە جەم بولغان ھەر مىللەت ئاممىسى مېنىڭ دوستلىرىم، ئەزىز مېھمانلىرىم، سىلەر مەن قىيىنچىلىقتا قالغاندا، نامراتلىشىپ كەتكەندە كۆپ ياردەم قىلدىڭلار، سىلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.