مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كىچىك يول باشلىغۇچى

    مەۋلۇدە2017-07-19 16:03:52شىنجاڭ گېزىتى

     ئابلىمىت ئابلىز، مەمەتجان يۈسۈپ

        ئېۋىرغول رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئېۋىرغول رايونى تەڭرىتاغ يېزىسى ئىرغايتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تۆت كادىرئىرغايتى كەنتىدىكى كىچىك دوستى مەمەت سالامدىن بەكمۇ خۇش. 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۇلار ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا مەمەت سالامنىڭ ئائىلىسىگە كىردى. مەمەت سالامنىڭ ئاتا – ئانىسى خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەچكە، مەمەت سالام خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئاتا – ئانىسىغا تەرجىمان بولدى. بۇ شاكىچىكنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشىلىقى، تىلىنىڭ راۋانلىقى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار مەمەت سالامغا ئۆزلىرىنى باشقا ئائىلىلەرگىمۇ باشلاپ بېرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، مەمەت سالام خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

        مەمەت سالام ئېۋىرغول رايونى تەڭرىتاغ يېزىسى قوراي باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹قوش تىل›› 6 – يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ مەكتەپتە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بولۇپلا قالماي، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە يول باشلىغۇچى ۋە تەرجىمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە زور قولايلىق تۇغدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

        ئىرغايتى كەنتى 163 ئائىلە، 527 نوپۇس بار تاغلىق كەنت بولۇپ، كەنتتىكى تۆت گۇرۇپپىدىكى ئائىلىلەر تارقاق بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئۇلارغا مەمەت سالامدەك ياخشى يول باشلىغۇچىنىڭ ئۇچراپ قېلىشى، بېلىق سۇغا ئۇلاشقاندەكلا ئىش بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەمەت سالام ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپلا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە ‹‹خىزمەت››كە كىرىشىپ كېتىدىغان بولدى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلىشتىن سىرت، ئۇلارنى بارار جايلىرىغا ئەڭ يېقىن يوللار بىلەن ئاپىرىپ قوياتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا – ھەدىلىرىنىڭ ياردىمىدە خەنزۇ تىلى ئاساسىنى پۇختىلايتتى.

        خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لەي باڭشيۇ مۇنداق دېدى: بۇ بالا بەك ئەقىللىق، مۇشۇنداق ياخشى يول باشلىغۇچى، تەرجىمانىمىز بولغانلىقى بىزنىڭ تەلىيىمىز، ئۇنى ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ قالدۇق.

        مەمەت سالام مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا – ھەدىلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ، تاغلىق كەنتىمىزدە تۇرۇپ، كەنتتىكىلەرگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتسا، ئۇلارغا ياردەم قىلىشىم ھېچقانچە ئىش ئەمەس. مەن كەلگۈسىدە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ئوخشاش باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەم بولۇشنى ئويلايمەن.

        مەمەت سالامنىڭ دادىسى سالام ئېسھاق، ئاپىسى سائادەتگۈل ئابلىز ئىككى ئوغلىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيەلىگەنلىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى. چوڭ ئوغلى ئېۋىرغول رايونلۇق 10 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى، كىچىك ئوغلى مەمەت سالاممۇ مەكتەپتە ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۈلگىسى ئىدى، ئۇلار ئوغلىنىڭ خىزمەت ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن، بارغانسېرى ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ سۆيۈندى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.