مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئوقۇتقۇچىلاردا ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش روھى بولۇشى كېرەك

    مەۋلۇدە2017-07-17 12:15:25شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلجاھان ئوسمان

     ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش نۆۋەتتە مائارىپچىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە.

     ھەممىمىزگە مەلۇم، مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدىغان ئاساسلىق سورۇن، شۇنداقلا ئۇلارغا پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى مۇئەييەن دۇنيا قاراشقا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم جاي. شۇڭا مەكتەپتە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ئىناق – ئىتتىپاق ئوقۇش – ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

     ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىلار ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشتە ئوقۇغۇچىلارنى قايسى جەھەتلەردە يېتەكلىشى كېرەك؟

     1. ئوقۇغۇچىلارنى كۆيۈنۈش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. كۆيۈنۈش ئىنساننىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى. نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنساننىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغاندا كۆيۈنۈشكە، تەسەللىگە، ئىلھام – مەدەتكە موھتاج كىشىلەر، بولۇپمۇ بالىلاردا ئۈمىدسىزلىنىش، مەيۈسلىنىش، كۆڭلى پەرىشان بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، چۈشكۈنلۈك ھېس قىلىدىكەن. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار كۆيۈنۈشكە تېخىمۇ موھتاج. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆيۈنۈش ئېھتىياجى قاندۇرۇلسا، مەكتەپتە ئوقۇش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇلاردا تەبىئىيلا ئوقۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ. مائارىپ ئەمەلىيىتى شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەندىلا، دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا ئاساس سالالايدۇ.

     2. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىشەنچ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، بىرەر ئىشنى قىلىشتا مۇستەھكەم ئىشەنچ بولغاندىلا، مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ياخشى ئادا قىلغىلى، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە بولغان مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزۇلمايدىكەن، دەرسلەرنى جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىدىن، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىگەندە، ئۇلارنى ياراملىق، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

     3. ئوقۇغۇچىلارنى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا ئىشىنىشى، ئىناق، ئازادە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوي – خىياللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشى، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، قاراتمىلىق تەلىم – تەربىيە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆيۈمچان ئۇستازى، يېقىن سىردىشىغا ئايلىنىشقا تىرىشىشى كېرەك.

     4. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ئوقۇتقۇچىلاردا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ بولغانلىقىدا. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى ھەقىقىي بېغىشلىيالىسا، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىيەلىسە ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىسە، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ تەبىئىيلا ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش، مىننەتسىز ئەجىر – تۆھپە يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇنداق روھتا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار تەبىئىيلا ھەر جەھەتتىن ساغلام، ياراملىق تەربىيەلىنىپ، ساپ ئەقىل – پاراسىتى ئارقىلىق ۋەتەن، جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.