مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:56:17شىنجاڭ گېزىتى

     شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    لى كېچياڭ سۆز قىلدى

    يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم. پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش – تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى تۈزۈمى، پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

     شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۇل مۇئامىلە كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىشچانلىقى كۈچەيدى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلىشى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ياخشىلاندى، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى كۈچەيدى.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، پۇل مۇئامىلىنى مەنبەسىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بويسۇنۇش، مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سەپلەپ، خەلقنىڭ ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك.

     ئىككىنچى، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەسەيتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزام قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قانۇنىي ئىگىسى تۈزەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ھەرىكەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، بازارنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ رولىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنىڭ چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ – تىزگىنلىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلىنىڭ بۇرچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر. يېڭىچە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى ساقلانمىنى قايتا تەشكىللەش، مىقدارنى ئاشۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئاساسىي تۈزۈمى پۇختا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىغان كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، دۆلەت چوڭ بانكىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنى ۋە پۇقراۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سۇغۇرتا كەسپىنىڭ خەۋپ – خەتەرنى ئۇزاق مەزگىل، مۇقىم باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئورنىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ۋە چەت – ياقا رايونلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلىقتىكى كەسپىي ھالقىلارنى تەرتىپكە سېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇر پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر سىگنال بېرىپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ – خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنى پىشاڭسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم پۇل سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹مۇردا كارخانا››لارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر توغرا نەتىجە قارىشى تىكلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈشى، جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەرتىپكە سېلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى سودىسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال تىجارىتى ۋە سانائەت كاپىتالى بىلەن پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ بىرلىشىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى، تاشقى پېرېۋوت بازىرى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى تۈزۈمى، شىركەت قانۇنىي ئىگىسى تۈزەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاي ھوقۇقى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش – چەكلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، خەۋپ – خەتەرنى ئىچكى جەھەتتە تىزگىنلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى، تاشقى بازار چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش – ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىش كېرەك. گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، خەلق بانكىسىنىڭ ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش ئاساسلىقى مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىدەك ئالدىنقى شەرتتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش قائىدىسى بويىچە، تەۋەلىكىدىكى خەۋپ – خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، دادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش روھىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، خەۋپ – خەتەرنى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق، خەۋپ – خەتەرنى بايقاپ تۇرۇپ ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بەرمىگەنلىك ۋە بىر تەرەپ قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق دېگەن قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خەۋپ – خەتەرنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، دەسلەپكى مەزگىلدە ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپىتال تۈرىنى مۇقىم ئايرىۋاشلاش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرتىپلىك رىقابىتىگە ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق مېخانىزم ئورنىتىشنى تېزلىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بويىچە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار تۈزۈم لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ھالقىلىق ئىش ئورنى، مۇھىم كىشىلەر، بولۇپمۇ 1 – قول رەھبەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، ئىنتىزام تەربىيەسى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئىستىلى دۇرۇس، كەسىپتە پىشقان پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە سەرخىل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

     لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، شۇنداقلا خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت، سىستېمىلىق خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشنى يادرولۇق نىشان، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىم ھەم ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، پۇل كىرېدىتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ ۋە ھەرىكەتچانلىقىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار›› مەسىلىسى ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش، ‹‹ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش››نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرەك قىلىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى، مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىغا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. كاپىتال بازارلىرى مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئىقتىساد ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پائال تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇغۇرتا بازىرىنىڭ خەۋپ – خەتەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. بازار ئىجازىتى، دەسلەپكى ئارىلىشىش ۋە بىر تەرەپ قىلىپ چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پىشاڭسىزلاشتۇرۇشنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى نۇقتىسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئەخلاق خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش – ماسلاشتۇرۇشنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كەسىپچانلىقى، بىردەكلىكى، ئۆتۈشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، بارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خەۋپ – خەتەرنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈش ۋە تۈگىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، تەرتىپلىك، باراۋەر، بىخەتەر بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى قوش يۆنىلىشتە ئېچىۋېتىشنى مۇقىم كېڭەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا ئالاقىدار قانۇن ئىدارە قىلىش، كىرېدىت، ئىختىساسلىقلار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇننىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     بېيجىڭ شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

     ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.