مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلايلى

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:54:16شىنجاڭ گېزىتى

    __ نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (1)

    خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

     ئەمەلىي ئىقتىساد پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاساسى، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ كەسىپ ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى شەرھلەپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ۋەزىپە پۇل مۇئامىلىنى مەنبەسىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بويسۇندۇرۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتىن ئىبارەت.

     پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد ئەزەلدىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇش، ئورتاق گۈللىنىشتەك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ئەمەلىي ئىقتىساد تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقاندا، پۇل مۇئامىلە ئاندىن گۈللىنەلەيدۇ؛ پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغاندا، ئەمەلىي ئىقتىساد ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى، پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇ پۇل مۇئامىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى يېڭى، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي مەقسىتى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر. يېڭى ۋەزىيەتتە ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىمىز ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، لېكىن تەمىنلەش سىستېمىسى بۇنىڭغا يېتىشەلمىدى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلمىلىق تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي قالدى. پۇل مۇئامىلىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى بويىچە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى، بايلىقلارنى تەشكىللەشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناش كېرەك.

     ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا، پۇل مۇئامىلە كەسپى ۋاسىتىنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، كۆلەمنى كېڭەيتىش، ساننى قوغلىشىشتەك تاشقى ئامىللىق كېڭىيىش كونا يولى ئاخىرلاشتى، پۇل مۇئامىلە كەسپى سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتقا بۇرۇلۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى يۆنىلىش قىلىپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق قىممەت يارىتىپ، رىقابەت كۈچىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلما سىستېمىسىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان پۇل مۇئامىلە زەنجىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، بولۇپمۇ پاي ھوقۇقىغا ئاساسەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئاساسىي تۈزۈمى پۇختا، بازارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىغان كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ بانكىلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنى ۋە پۇقراۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زاپاس پاراۋانلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

     ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا، پۇل مۇئامىلە كەسپى دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىشكە قارىتىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى، دىققەتنى ئاساسىي خىزمەتكە قارىتىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشىدىكى ئاساس، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنىڭ يولى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپكە ماھىر بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا قىممەت ۋە پايدا يارىتىشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، ‹‹مۇلازىمەت قىلماي ھەق ئېلىش›› ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلارنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مەبلەغ زەنجىرىنى قىسقارتىپ، ‹‹يول››، ‹‹داڭلىق پاي، ئەمەلىي قەرز›› قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئۆرلىتىشتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىم ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىراق يېڭىلىق يارىتىش جەزمەن قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، يېڭىلىق يارىتىش نامى بىلەن قارىغۇلارچە يايما يېيىپ، مەبلەغنى ئىچكى قىسىمدا ئايلاندۇرۇشقا ۋە ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ مەۋھۇملۇققا ئىنتىلىشكە بولمايدۇ، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا بولغان ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىكى بىر چوڭ ساۋاق شۇكى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ‹‹كېسەل›› ھالەتتە بولسا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش، مال – مۈلۈك سۈپىتى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، رىقابەت ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ‹‹بۇلاق سۈيى›› بىلەن سۇغىرىش كېرەك.

     ئېلىمىز ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ئەمەلىي ئىقتىساد ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئايلاندۇرۇشى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىدىكى ئۇلتاش بولۇپ كەلگەن. يېڭى نورمال ھالەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، جايلار، تارماقلار تونۇشنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.