مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى 882 ئېشىنچا ئەمگەكچى ئۈرۈمچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى

    پەرغانە غوپۇر2017-07-17 11:43:55تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    16-ئىيۇل، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن 882 ئېشىنچا ئەمگەكچى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى.

     ئۆز خەۋىرىمىز: 16-ئىيۇل، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن 882 ئېشىنچا ئەمگەكچى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى 23 بىناكارلىق كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ما تيەنيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىسىدىن 5000 نى ھەر قايسى بىناكارلىق كارخانىسىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نازارەت 190 دىن ئارتۇق مەركەز كارخانىسى ۋە شىنجاڭدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، بۇ كارخانىلار 5092 خىزمەت ئورنى تەييارلىغان.

     شىنجاڭ «خوڭيۈەن» شەھەر قۇرۇلۇشى باغ-ئورمان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا شىركىتىمىز قەشقەردىن كەلگەن 100 ئېشىنچا ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدۇق ھەمدە ئۇلارغا ئىككى كورپۇس ياتاق بىناسى سېلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەشكە تاللىدۇق. ئەمگەكچىكلەرنىڭ بۇ جايدا خاتىرجەم خىزمەت قىلىپ، كارخانىمىزدا يىلتىز تارتىپ، كارخانا بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

     قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىدىن كەلگەن سەيپىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئايالىم بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە خىزمەت قىلغىلى كەلدىم، بۇ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشىمىز بولغاچقا، بىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بۇ جايدا تەجرىبە، تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزغا، شۇنىڭدەك ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.

     ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 100 مىڭ شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىسىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى ئىكەن. قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىدىكەن. شۇنداقلا، دېھقان، چارۋىچىلارنى مۇھىم يۆتكەش ئوبېيكتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلە ئەمگەكچىلىرى ۋە دۆلەت تىلىنى بىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنى ئاۋۋال يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.