مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    پارتىيە ئىزنىكى داشى كەنتىدە چاقنىماقتا

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-17 11:33:41شىنجاڭ گېزىتى

    شيا چىڭ

     دۈشەنبە ئەتىگەن لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ داشى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر مىللەت ئامما بىلەن تولغانىدى. قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا تىكىلگەن كۆزلەر... ئالدىنقى رەتتە تۇرغان ساۋۇر مەڭلىكنىڭ مەيدىسىدىكى پارتىيە ئىزنىكى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

     ساۋۇر مەڭلىكنىڭ قارىشىچە، پارتىيە ئىزنىكى بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: ‹‹لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى، لاياقەتلىك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش ئۈچۈن پارتىيە ئىزنىكىنى مەيدىسىگە تاقىۋالسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ››.

     ساۋۇر مەڭلىك داشى كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پارتكوم شۇجىسى بولغان. ئۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى باشتىن – ئاخىر ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماي، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭدى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئېتىقادى ۋە ئىنتىلىشى.

     داشى كەنتى ساۋۇر مەڭلىكنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۈيۈك بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى ‹‹شورلۇق يەر، نامرات كەنت››نى بۈگۈنكى ‹‹ھاللىق كەنت، چولپان كەنت›› كە ئايلاندۇردى. ساۋۇر مەڭلىك يەكۈنلەپ چىققان: ‹‹يانچۇقتا پۇل بولسا لوق، كۆڭلىڭىز بولار شۇنچە توق›› دېگەن بىر جۈملىلىك كەنت قۇرۇش ئىدىيەسى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنىڭ روھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭدى. 2016 – يىلى داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 29 مىڭ 727 يۈەنگە يەتتى.

     ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى پائالىيىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا، ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ساۋۇر مەڭلىك ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تۈرلۈك ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى كۆپچىلىكتىن بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگەندى، پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنىدا پارتىيە ئەزالىرىغا مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ‹‹قانداق قىلغاندا <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش – تەربىيە پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟›› دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، قارىشىنى، تەسىراتىنى سۆزلىدى، تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ساۋۇر مەڭلىك ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلىي تۇرمۇش پائالىيىتىگە تولۇق قاتناشتى، ھەر ئايدا پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا باشلامچىلىق بىلەن تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ پارتىيەۋىلىك قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردى.

     ساۋۇر مەڭلىك پارتىيەۋىلىكىنى چېنىقتۇرۇش، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشتا باشلامچى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىغا ئۈلگە بولۇپ، ئىشەنچلىك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

     ئۇزاقتىن بۇيان ساۋۇر مەڭلىكنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن داشى كەنتى پارتىيە ئەزالىرى نامراتلار بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيە ئەزالىرى خالىسانە ئەمگەك قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش كۈنى، باي ئائىلىلەر نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ يار يۆلەك بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا ‹‹بەش ئۆلچەم›› ۋە ‹‹بەشتە باشلامچى بولۇش›› تەلىپىنى قويدى، بۇ ئۇسۇل – چارىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئامما سىردىشىدىغان، بىللە ئەمگەك قىلىدىغان بولدى ھەم قەلبداشلارغا ئايلاندى.

     ساۋۇر مەڭلىك ‹‹بىر ناننى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بۆلۈشۈپ يېيىش››، ‹‹قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ئۆستىڭى چېپىش›› قاتارلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئارقىلىق كۆپچىلىكنى يېتەكلىدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر ئايدا باش تېما بولۇشقا، ھەر ھەپتىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ساۋۇر مەڭلىك بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ، چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەش، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى ھەم كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، ‹‹پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، زوراۋان – تېررورچىلارنى يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىش›› تېمىسىدىكى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

     ساۋۇر مەڭلىك دائىم مۇنداق دەيدۇ: ھەممە كىشىنىڭ قىيىنچىلىقى بولىدۇ، شۇڭا ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك ئۇيۇشۇپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھازىر داشى كەنتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقىنىغا ئۇدا 23 يىل بولدى. داشى كەنتى ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، ھېيت – بايراملاردا ئۆزئارا پەتىلەش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قىيىنچىلىق بولسا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، توي – تۆكۈن ئىشلىرىنى ئۆزئارا مۇبارەكلەش، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىغا ئۆزئارا قارىشىشتىن ئىبارەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹ئالتە ئۆزئارا›› پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

     ساۋۇر مەڭلىك ئۆز ئەجرى بەدىلىگە پارتىيە تەشكىلى ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۇ ئىلگىر – كېيىن بولۇپ ‹‹مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى››، ‹‹مەملىكەت بويىچە <ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش> باش تېما تەربىيە پائالىيىتىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹مەملىكەت بويىچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ئارىسىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.