مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالايلى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-17 11:32:56شىنجاڭ گېزىتى

    __ نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (2)

    ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

     پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بولۇپمۇ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىيىتىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىڭ تۇتقاچقا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمەن سىلىق، مۇقىم بولۇپ، خەۋپ – خەتىرى ئاساسەن تىزگىنلەندى. لېكىن يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئامىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى نۇرغۇن خەۋپ ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ئالدىنقى قېتىملىق كېڭىيىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى ‹‹ئېنىقلاش›› مەزگىلىگە قەدەم قويدى؛ ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئىككىسىنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى؛ بەزى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەرىكىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئەخلاق خەۋپ – خەتىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمى تېخىچە بۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشالمىدى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشتەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىكى دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىزگە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹سۇ كەلگىچە توغان سېلىش››، ئالدىن تەدبىر قوللىنىشنى ئەسكەرتتى.

     پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بەك مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەۋپ – خەتەر ئاسان يۈز بېرىدۇ. پۇل مۇئامىلە زەنجىرى ئۇزىراپ، بازار ئۇچۇرى ماس كەلمەي، قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى ئەگرى – توقايلىشىپ، ئاسانلا تاشقى ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ، ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇشىغا ۋە ئىجتىمائىي كۆزلىمىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئېنىقسىز شارائىتقا دۇچ كەلگەندە، مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى تېز ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ تۈرى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، يوشۇرۇن ھەم تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان بولۇپ، تارقىلىش خاراكتېرى ۋە زىيىنى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنىڭدىن بەك ئېھتىيات قىلىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش كېرەك. ‹‹قارا ئاق قۇ›› خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ‹‹كۈلرەڭ كەركىدان›› خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك.

     پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى ساقلاش كېرەك. بىزدە قەتئىي جاسارەت ۋە بوشاشمايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك، تەلەي سىناشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پۇل مۇئامىلە ساھەسى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئەڭ زۆرۈر ساھە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى زور كۈچ بىلەن قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى بىر كۈندىلا شەكىللەنمەيدۇ، پۇل مۇئامىلە قالايمىقانلىشىش ئەھۋالىنى بىراقلا تۈزىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە، ئېغىر ۋە يېنىك، ئاستا ۋە تېز بولىدۇ. شۇڭا ئاساسلىق زىددىيەتلەر ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل – كىرېدىت ‹‹باش توغىنى››نى باشقۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەۋپ – خەتەرنى مەنبەسىدىن باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ – خەتەرنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇر پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. كۆچمە خەۋپ – خەتەر، كىرېدىت خەۋپ – خەتىرى، سايە بانكا كەسپى خەۋپ – خەتىرى، كاپىتال بازىرى نورمالسىزلىشىپ داۋالغۇش يۈز بېرىش خەۋپ – خەتىرى، سۇغۇرتا بازىرى خەۋپ – خەتىرى، ئۆي – مۈلۈك كۆپۈكى پەيدا قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە تور تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە جەزمەن غەلىبە قازىنىش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتەك مول تەجرىبىسى بار، كۆپ يىل تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، بانكا كاپىتالىنىڭ يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى، زاپاس مەبلەغ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۆرلەپ، مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە قەرزدارلىق نىسبىتى تۆۋەنلەپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان قورال ۋە ۋاسىتىلەر كۆپەيدى. بىزنىڭ خەۋپ – خەتەر مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيدىغان يېتەرلىك ئەقىل – پاراسىتىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە مادارىمىز بار. پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئاساسەن ياخشى بولۇشتەك پايدىلىق شارائىتنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مۇقىم، تەرتىپلىك باشقۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلىشىمىز كېرەك. بىز خىرىسلارغا بىۋاسىتە تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولىدىغان مۇداپىئە – كونترول ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.