مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-17 11:28:39شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى، بۇ ‹‹نىزام›› 2017 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

     ‹‹ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى›› مۇھىم ھەربىي قانۇن – نىزام بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

     ‹‹نىزام›› جەمئىي 8 باب، 40 ماددا بولۇپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھۆججەتنىڭ تۈرى، فورماتى، ھۆججەت چىقىرىش قائىدىسى، بېجىرىش تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش تەلىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئارمىيە بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىنغان، يېڭى تۈزۈلمە شارائىتىدىكى ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تېخىمۇ ئىلمىيلىككە، يېتەكچى خاراكتېرگە ۋە تەتبىقلىنىشچانلىققا ئىگە قىلىندى.

     بۇ ‹‹نىزام››نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئورگانلارنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلمىيلىشىشى، تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قارار، يوليورۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.