مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    ئىستۇدېنتلار قانات يايدۇرغان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى كەنتتىكىلەرنى خۇش قىلدى

    مەۋلۇدە2017-07-17 09:55:09تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    14-ئىيۇل، ئىستۇدېنتلار قانات يايدۇرغان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى ئۇزۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلار، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 48 پىدائىينى تەشكىللەپ، «ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» باش تېمىسىدا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇغان بولۇپ، پىدائىيلار 10 كۈندىن بۇيان، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دۆلەت بايرىقى ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە قانۇن–تۈزۈم تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئېتىز-ئېرىق ۋە باغ–ئورمان ئەمگىكىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ پائال ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى، ۋەتەنگە، شىنجاڭغا، يۇرت-ماكانىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.