مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    كۈچلۈك رەھبەرلىك ھوقۇقى ئېڭى، بازا ئېڭى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك

    مەۋلۇدە2017-07-16 11:28:57شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلىرى يىغىنى ئاچتى

     لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 7- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇق، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ساتتار ساۋۇت، ئالىمجان مەمتىمىن، ئابدۇرازاق سايىمنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

     لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەر ئەزەلدىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ كەلگەن. شىنجاڭدا «ئۈچ خىل كۈچ» ئالىي مەكتەپنى سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى نۇقتىلىق نىشان قىلدى، ئۇلارنىڭ بىزدىن بازا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى، كىشىلەر قەلبىنى تالىشىش كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىدە، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يۈكسەك بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ماركسىزمنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك ھوقۇقى ئېڭى، بازا ئېڭى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ بۇ ئالدىنقى سەپ بازىسىدا بىر سۇڭ يەرنىمۇ تالىشىپ، بىر سۇڭ يەرنىمۇ تارتقۇزۇپ قويماي، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.

     لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە شۇ ئاساستا تەربىيەلەپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئالىي مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق بىلىم تەربىيەسى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى، مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش تەربىيەسىنى قەتئىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، دەرسخانا، دەرسلىك، ئالاقە تورى، مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت، ئىدىيە بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، «پان ئىسلامىزم» ۋە «پان تۈركىزم»نىڭ زەھىرى ۋە تۈرلۈك خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى، پارتىيە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى ئەستايىدىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنى ياخشى سەپلەشنىڭ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى تەشكىلىي ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.