مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ جازالانسا، پېنسىيە تەمىناتىغا تەسىر يېتىدۇ

    ئامانگۈل2017-07-14 17:36:50شىنجاڭ گېزىتى

     ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ‹‹كەسپىي ئورۇنلاردىكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان خادىملارغا چارە كۆرۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى››دىكى قىسمەن مەسىلىلەرگە ئېنىق چۈشەنچە بەردى.

     ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جىنايى جازاغا تارتىلمىغانلارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلى تەكشۈرۈش خۇلاسىسى چىققاندىن كېيىنكى ئايدىن باشلاپ %25 تۆۋەنلىتىلىدۇ. تولۇقلىما تەمىناتى ئەڭ تۆۋەن تېخنىكا دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

     ‹‹كەسپىي ئورۇنلاردىكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان خادىملارغا چارە كۆرۈش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› 2012 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بەلگىلىمىدە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملار قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، تەمىناتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق ئىدى، بۇ قېتىم بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ بەلگىلىمە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان خادىملارغا چارە كۆرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپلا قالماي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ئۈچۈن قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسا، پېنسىيە تەمىناتىغىمۇ تەسىر يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ.

     ئىلگىرى بەلگىلىمە ئېنىق بولمىغاچقا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسىمۇ، پېنسىيە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋېرەتتى، بۇ قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان سەمىمىي خادىملار ئۈچۈن تازا ئادىل بولمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بەزىلەردە قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلسىمۇ، پېنسىيە تەمىناتىغا تەسىر يەتمىگەن ئىكەن، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئازراق نەپكە ئېرىشىۋالسام بولغۇدەك، دېگەن ناتوغرا ئويلارنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ قېتىمقى بەلگىلىمە ئىلگىرىكى تۈزۈمدىكى يوچۇقنى ئېتىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بەزى خادىملارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، پېنسىيە تەمىناتىدىن ئىلگىرىكىدەكلا بەھرىمەن بولۇۋېرىش شېرىن چۈشىنى يوققا چىقاردى، شۇنىڭدەك قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان سەمىمىي خادىملارغىمۇ ئادالەت تۇيغۇسى بەردى.

     دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى تورداشلار بۇ بەلگىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمىدە مەمۇرلار چۈشۈپ قاپتۇ، پېنسىيەگە چىققان مەمۇرلاردىن قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭمۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتى تۆۋەنلىتىلىشى كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2010 – يىلى تارقاتقان ‹‹مەمۇرلاردىن چارە كۆرۈلگەنلەرنىڭ مائاش تەمىناتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››تا، مەمۇرلاردىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىنتىزام مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەرنىڭ پېنسىيە تەمىناتى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەن. بۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە مەمۇرلاردىن قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن تۆۋەنلىتىلىدۇ.

     سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، كەسپىي ئورۇنلاردىكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىلەن مەمۇرىي ئورۇنلاردىكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پېنسىيەگە چىققان مەمۇرلارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلىنى تەڭشەش ئۆلچىمى ئاساسەن ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنى دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش چارىسى كۆرۈلگەن خادىملارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلى %12 تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ قانۇن بويىچە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەن مەمۇرلارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلىمۇ %12 چۈشۈرۈلىدۇ؛ خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جىنايى جازاغا تارتىلمىغانلارنىڭ ئاساسىي پېنسىيە پۇلى %25 چۈشۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدىن تۈزۈم – بەلگىلىمىدە كەسپىي خادىملار بىلەن مەمۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

     ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.